ئافغانسىتان ئەمەلدارلىرىنىڭ 3- يانۋار ئېيتىشىچە، ئافغانسىتاننىڭ شىمالىدىكى مازار شەرىف شەھىرىگە جايلاشقان ھىندىستان ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، بىر قانچە نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر ئەلچىخانا ئىچىگە بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، ئارقىدىنلا ئۇلار ساقچىلار بىلەن ئېتىشىپ كەتكەن. ئۆلۈش-يارىلىنش ئەھۋالى تېخى ئىنىقلانمىغان.
ئافغانىستاندىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئىككى نەپەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىغۇچى مازار شەرىف شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ھىندىستان ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقان، ئارقىدىنلا باشقا قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇ مېھمانخانىغا ۋە ھىندىستان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئافغانىستان ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن شىددەتلىك ئېتىشقان.
بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى نەپەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگىنىدىن باشقا كونكرېت ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر ساقچى ۋە يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان بىر پۇقرا يارىلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved