چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن 8500ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئوقۇتقۇچىلار مۇساپىرلارنىڭ باللىرىغا گېرمان تىلى ئۆگىتىدىكەن.
بۇ يىل تەخمىنەن 196مىڭ مۇساپىر بالا گېرمانىيەدىكى مەكتەپلەرگە كىرگەن بولۇپ، مائارىپ تارماقلار مەخسۇس سىنىپتىن 8264نى تەسىس قىلىپ، بۇ باللارنىڭ باشقا باللارغا يېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلغان. گېرمانىيە مائارىپ تارماقلىرى بۇ يىل مەكتەپ يېشىغا توشقان 325 مىڭ بالىنىڭ ياۋرۇپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە كەلگەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن. گېرمانىيە بۇيىل پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن 1مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved