جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 29-سېنتەبىردىن باشلاپ لەنجۇ–ئۈرۈمچى–دۇبەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭىدىن ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ .
مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، لەنجۇ–ئۈرۈمچى–دۇبەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5216 كىلومېتىر بولۇپ ، ھەر دۈشەنبە ، چارشەنبە ، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنى ئايروپىلان قاتنايدىكەن . ئايروپىلان لەنجۇدىن دۇبەيگە سەككىز يېرىم سائەتتە ، دۇبەيدىن لەنجۇغا يەتتە يېرىم سائەتتە ، ئۈرۈمچىدىن دۇبەيگە بەش يېرىم سائەتتە ، دۇبەيدىن ئۈرۈمچىگە بەش سائەتتە بارىدىكەن .
ئادەتتە بېيجىڭ ، شاڭخەي ، گۇاڭجۇدىن دۇبەيگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلانلار 9 ~ 10 سائەتتە دۇبەيگە بارىدىغان بولغاچقا ، ساياھەتچىلەر لەنجۇ ياكى ئۈرۈمچىدىن دۇبەيگە بارسا بىر قەدەر تېز بولىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved