ھىندىستان كىنو چولپىنى ئامىرخاننىڭ تەرجىمھالى

ھىندىستاننىڭ يەنە بىر داڭلىق چولپانى ئامىر خان، ئاكتىيور،فىلىم ئىشلىگۈچى .

8 ياش ۋاقتىدىلا پۈتۈن ھىندىستاننى زىلزىلگە كەلتۈرگەن بىر فىلىمدە رول ئالغان، خەلىق ئېتراپ قىلغان بۇ بالا چولپان ، چوڭ بولغاندىن كېيىن كىنو ئىشلەشكە قىزىقماي قالىدۇ ۋە تېننىس توپى ئوياشقا كىرىشىپ كېتىدۇ ، ئامىرخان ھەقىقەتەن تېننىس توپنى ناھايتى ياخشى ئۇراتتى، ئىلگىرى تېننىس توپ چېمپىيونلىقىغىمۇ ئېرىشىپ باققان. ئۇ ئەزەلدىن باشقا چولپانلاردەك كىنونىڭ بېلەت سېىش كىرىمى ۋە مۇكاپات تۈرى بىلەن قالمايتى، ئۇ :‹ داۋاملىق مەن كىنودا رول ئېلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلايمەن ›دەيتى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرلىك كىنولىرىدىن ‹ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى ۋەران قىلىشى› ‹ سىرلىق ئۆلۈم › ‹ يەرشارىدىكى يۇلتۇز › قاتارلىق فىلىملىرى بار. ئامىرخاننىڭ كۆرۈرمەلەرگە ئېلىپ كەلگىنى تەسىرلىنىشلا بۇلۇپ قالماستىن ، قەيسەرلىك بىلەن ئوخشىمىغان نۇقتىلادا تۇرۇپ، جەمىئەت قاراڭغۇلىقىغا زەربە بېرىپ ، بىزگە كىنو دۇنياسىنىڭ ئارزۇسىنى يۇرۇپبەرگەن.

 

خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى:阿米尔。侯赛因。汗


ئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى: AMIR HUSSAIN KHAN.


دۆلەت تەۋەلىكى : ھىندىستان


تۇغۇلغان جايى: بومباي باندىرا مۇقەددەس قەبىلىسى


تۇغۇلغان كۈنى: 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى


كەسپى:ئاكتىيور، رېژىسور ، فىلىم ئىشلىگۈچى


پۈتتۈرگەن مەكتىپى: NARESS MONJEE COLLEGE.


يۇلتۇز تۈركۈمى: ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى


بوي ئېگىزلىكى: 165cm


دىنى ئېتىقادى: ئىسلام دىنى


ئىشلىتىدىغان تىل : ھىندى تىلى


ئايالى: KIRAN RAO


ئىلگىركى ئايالى: REENA DUTTA.


جىيەن ئوغلى : ئىمرانخان(بوللىۋودتىكى داڭلىق چولپان)


تۇلۇق ئوتتۇرا : باندىرا دىكى ST ANNES HINGH SCHOOL.


ئالىي مەكتەپ: NARSEE MONJEE COLLEGE.


ئامىرخان ھندىستاندىكى ئافغاننىستان قان سېستىمىسىدىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ بىې كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئائىلە. دادىسى تاھىر ھۈسەيىن داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى، تاغىسى ناسىر ھۈسەيىن نام چىقارغان رېژىسور. جوڭگو كۆرۈرمەنلىرى ياقتۇردىغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ‹چوڭ مەپە› دەل ئامىرخان جەمەتىدىكىلەر ئىشلىگەن كىنو.

 


مۇھەببەت كەچۈرمىشى

 


ئامىرخاننىڭ رومانتىكلىقى دەل كىنو ئىشلەشتە لازىم بولىدىغان تېما. ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا قوشنىسىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەمما دىننىڭ ئوخشىماسلىقى (ئامىرخان مۇسۇلمان، ئەمما قىز بولسا ھىندى دىنىدا) سەۋەبى بىلەن ئىككى ئائىلىدىكى چڭلار بۇ تويغا قەتئى قارشى تۇرغان.ئەممە ئىككى ياش قېچىپ كېتىشنى قارا قىلغان،ئىلگىرى ئۇلار ناھايتى بەخىتلىك گۈزەل مىنوتلارنى باشتى كەچۈرگەن ،ھەتتا ئىككىسى ھىندىستان ھۆكىمىتە ۋە ھىندىستاندىكى سىياسى پارتىيە تەرىىپىدىن ھىندى دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئورتاقكېلىشەلەيدىغان تەرەپلىرىنى تەقىق قىلىشقا چاقىرتىلغان. 2002-يىلى ئامىرخان ئالدىنقى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ ،2005-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى ئايالى كىران رائو بىلەن توي قىلغان .


2009-يىلى ئىشلەنگەن‹ ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى ۋەيران قىلىش › ناملىق فىلىم قۇيۇلغاندىن كېيىن ، جوڭگودىكى مىليونلىغان تور مەستانىللىرى نېمىنىڭ ھەقىقى ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىشتى .45 ياشقا كىرگەن بىر ئارىسنىڭ 20 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ رولىنى شۇنچە مۇكەممەل ئالغانلىقى ئۇنىڭ چۇقۇنغۇچىللىرىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە قايىل قىلدى.

 


كىنو ساھەسىدىكى ئامىرخان

 


ئامىرخان 8 يېشىدىن باشلاپ تاغىسىنى ئىشلىگەنفىلىمىدە رول ئالغان. ئۇ ھەتتا شۇ چاغا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ رول ئالغان كىچىك دوستلار بىلەن ئۇرۇشقان،8-يىللىققا چىققاندا ئۇ بوبايدىكى بىر داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ بارغان، ئۇنىڭ مەكتەپ ئالمىشىدىكى بىردىنبىر سەېەبى شۇكى، ئۇ يۆتكىلىپ كەلگەن بومبايدىكى مەكتەپتە نۇرغۇن مول مەزمۇنلۇق دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەت بار ئىدى ، مەسلەن ئۇ ئەڭ قىزىقىدىغان تېننىس توپ. ئامىرخان تېننىس توپ ئويناشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى ،يەنە كېلىپ ناھايتى قالتىس تېننىس توپ ماھىرى ئىدى، ھەتتا مەملىكەت دەرىجىلىك تېننىس توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ئىدى . ئۇ زېھنى كۈچىنى تېننىس توپ ئويناشقا قارىتىپلا قالماستىن يەنە ئۆگىنىشكىمۇ چوڭ كۈچ سەرىپ كقلغان، ئەق قىيىن بولغان ئىمتىھاندىن بىر قېتىمدىلا ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان . ئەمما ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن كىنوچىلىق ساھەسىگە قىزىقىشقا باشلىغان، ئۆگىنىشنىمۇ توختىتىپ قويمىغان ، ھاياتلىق نىشانىنى ئېنىق بېكىتىپ بىر مىنوت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمىگەن، ئۇ داۋاملىق ئاتا-ئانىسىغاپەن تېخنىكا ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى سودا ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلارغا قىززىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ دادىسىغا مۇنداق دېگەن:‹ مەن ئۆگىنىشنى توختىتىپ باقمىدىم ، مەن ئەمدى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۋاتىمەن› . شۇ ۋاقىتتائۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئىدى، .ئامىرخاننىڭ ئائىلە ئارقا كۆرىنىشى كۈچلۈك بۇلۇپ داڭلىق كىنو ساھەسىدىكى جەمەت ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئامىرخاننى بۇ ساھەگە كىرىشكە زورلاشتىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئامىرخان مەجبۇر ھالدا دېگۈدەك تاغىسىنىڭ فىلىم ئىشلەش شېركىتىگە كىردى، ئامىرخان بۇ توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېگەن:‹ مېنىڭ خىزمىتىم ماڭا خوشاللىق ئېلىو كېلەلەيدۇ، مەنمۇ دەل مۇشۇنداق خوشاللىققا مۇھتاج، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەمىشە خوشال ئۆتىشىنى خالايمەن.كىنوچىلىق بولسا مېنىڭ شۇخوشاللىقىم بولدى، مېنىڭ ئاكتىيورلۇقنى تاللىشىمدىكى بىردىنبىر سەۋەپ دەل مۇشۇ ئىدى ›.

 


2006-يىلى يېڭى يىلدا ، ھىندىستان چولپىنى ئامىرخان ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى بىر تاغ باغرىدىكى دەم ئېلىش رايونىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئىككىنچى ئايالى كىران رائو بىلەن توي قىلدى، 41 ياشلىق ئامىرخان ئالغان بۇ ئايال ، ئامىرخان باش رول ئالغان ‹ھىندىستاننىڭ ئۆتمۈشى › ناملىق فىلىمنىڭ مۇئاۋىن رېژىسورى ئىدى، ئۇلار 2004-يىلىدىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن. ئۇنىڭ ئىلگىركى ئايالىدىن بولغان ئىككى بالىسىمۇ توي تەييارلىقىنى قىلىشقا ياردەنلەشكەن. كىشىنى ھەيران قىلدىغىنى ۋە سۆيۈندۈردىغىنى ئامىرخان ئىلگىركى ئايالى بىلەن پاك دوستلۇقنى ساقلاپ قالغان بۇلۇپ ، ئىلگىركى ئايالىنى تولىمۇ ھۆرمەت قىىدۇ، قانداقلا ئەنئەنىۋى بايرام ياكى پائالىيەت بولسا ئالدى بىلەن تەكلىپ قىلىدۇ.

 


كىنو كەسپىدىن سىرىت ، ئامىرخان شەخسى تۇرمۇشىدا ناھايتى كەمتەر، كىنو مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىغا ناھايتى ئاز قاتنىشىدۇ، ئۇ : مەن ھىندىستا كىنو مۇكاپاتىنىڭ راستچىللىقىدىن گۇمان قىلىمەن › دېگەن،2011-يىلى ئامىرخان بايانات ئېلان قىلىپ شۇ ۋاقىتتى باشلاپ ئۆزىنىڭ كىنو ئىشلەش شېركىتىنىڭ ھەرقانداق كىنولىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر مۇكاپاتلاش پائالىيتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 


ئۇ مۇمباي مىرورنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن:‹ بىر فىلىم ئىشلىگۈچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ، مەن ئىشلىگەن كىنولارنى تاللاشقا قاتناشتۇرۇشتن كۆرە ، فىلىم ئىشلەشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىشنى خالايمەن،مەن ۋاقتىمنى ماڭا نىسبەتەنئەھمىيتى بولغان ئىشلارغا سەرىپ قىلىشنى ئويلايمەن ، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئادەمنىڭ غايىسىنى سۇسلاشتۇردىغان مۇكاپاتلاش پائالاىيەتلىرىدەك مەنىسىز ئىشلارغا ئەمەس، مەن ئاددىي ساددىلىقنى ياقتۇرىمەن ، مەنچە ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئوسكار مۇكاپاتى شەرەپ ھېسابلانمايدۇ ، مېنىڭكۆرۈرمەنلىرىم ، مەن رول ئالغان ياكى ئىشلىگەن كىنولارنى كۆرگەندىن كېيىن سىز ئىشلىگەن بۇ كىنو بەك قالتىسكەن دېسە ، مانا بۇمەن ئۈچۈن شەرەپ، كىشلەر مەن ئالغان رول بىلەن مېنى باغلاپ ئويلىسا مەن ناھايتى قالتىس ھېسابلىنىمەن›.

 


ئەنگىلىيە دۇشا خانىم شام ھەيكەلكۆرگەزمەخانىسى ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغاندا ، ئامىرخان رەت قىلۋەتكەن. چۈنكى ئامىرخان ، كىنو مەستانىللىرىنىڭ ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈنكىنوخانىغا بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى ، كۆرگەزمىخانىغا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

 

 


تۆۋەندە ئامىرخان باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ نامى ، ھەمكارلاشقان ئارتىسلارنىڭ ئىسمى ۋاقتى قارتالىقلار كۆرسىتىلدى ، ئامىرخاننى ياقتۇردىغان دوستلارنىڭ ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەرنى ئوڭايلا ئىزدەپ تېپىشى ئۈچۈن خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە نامى بېرىلدى :


2013   幻影车神3------------


2012 Talaash/心结谜狱/觅迹寻踪SurjanReema Kagti拉妮·玛克赫吉;卡琳娜·卡普


2011 河边的男洗衣工/孟买日记ArunKiran Rao普拉提克·巴巴尔;Monica Dogra


2009 三傻大闹宝莱坞/ 三个傻瓜/作死不离三兄弟兰彻(Rancho)Rajkumar Hirani马德哈万;沙尔曼·乔什;卡琳娜·卡普

 

2008-12-25 未知死亡桑杰辛哈尼亚(Sanjay Singhania)A.R. Murugadoss阿辛;Pradeep Singh Rawat;吉雅·罕


2007-12-21 地球上的星星Ram Shankar Nikumbh阿米尔·汗达席尔·萨法瑞;塔奈·切赫达;Sachet Engineer


2006 芭萨提的颜色/青春无敌Daljit(DJ)Rakesh Omprakash Mehra赛达斯/Siddharth);沙尔曼·乔什;库纳勒·卡普尔


2006 为爱毁灭RehanKunal Kohli卡卓尔;里希·卡普尔;拉娜·杜塔


2005-08-03 抗暴英雄Sepoy Mangal PandeyDirector拉妮·玛克赫吉;托比·斯蒂芬斯;阿米莎·帕泰拉


2003 Chale Chalo: The Lunacy of Film Making----Satyajit Bhatkal阿素托史·哥瓦力克


2001 心归何处/蛮横有理阿卡什法拉汗·阿克塔尔赛义夫·阿里·汗;阿克夏耶·坎纳;普丽缇·泽塔


2001 印度往事BhuvanAshutosh Gowariker格蕾丝·辛;蕾切尔·雪莉;保罗·布莱克索恩


2000 复仇的火焰Kishan PyareDharmesh DarshanKishan Pyare;Twinkle Khanna


1999 义无反顾AjayJohn Mathew Matthan纳萨鲁丁·沙


1999 终成眷属KaranAline Issermann玛尼沙·柯伊拉拉


1998 大地1947Dil NavazDeepa Mehta兰迪塔·达斯

1998 忘情恋RajaDharmesh Darshan卡瑞斯玛·卡普尔


1998 古拉姆SidhuVikram Bhatt拉妮·玛克赫吉;Rajit Kapoor;Mita Vasisht


1997 真爱无敌RajaIndra Kumar卡卓尔;阿杰/ajay);朱熹/juhi)


1995 激情的代价Rohit KumarMansoor Khan玛尼沙·柯伊拉拉


1995 艳光四射MunnaRam Gopal Varma乌瑞米拉·玛托恩卡尔


1995 Aatank Hi AatankRohanDilip Shankar拉吉尼坎塔;朱熹/Juhi Chawla)


1995 忠肝义胆(Baazi)AmarAshutosh GowarikeMamta Kulkarni


1994-04-11 假假真真AmarRajkumar Santoshi萨尔曼·汗;卡瑞斯玛·卡普尔;拉威娜.坦登


1993 Pehla Nasha------------


1993 情牵一线拉胡尔Mahesh Bhatt朱熹/Juhi Chawla)


1993 Damini - Lightning------------


1992 胜者为王/情比金坚(Jo Jeeta Wohi Sikandar)SanjaylalMansoor Khan雅莎·约

卡/Ayesha Jhulka)


1992 情侣风尘------------


1992 这就是人生------------

 


1992 传统------------
1992 Sahebzaade------------



1992 Time Machine------------


1991 Dil Hai Ke Manta Nahin------------


1991 J homma Chumma in London------------


1991 Afsana Pyar Ka------------


1990 Awwal Number------------


1990 为爱痴狂------------


1990 讲心不讲金RajaIndra Kumar玛德胡瑞·迪克西特


1990 Jawani Zindabad------------


1990 Tum Mere Ho------------


1989 爱爱爱------------


1989 灰飞烟灭------------


1988 冷暖人间拉兹Mansoor Khan朱熹/Juhi Chawla)


1984 Holi------------


1974 Madhosh------------


1973 Yaadon Ki Baaraat--------

 

 

ھىندىستا ن ۋە چەتئەلدىكى كىنو بېلەت سېتىلىش دەرىجىسى(2000-2010)


ھىندىستاندا ئامىرخان بىرىنچى ئورۇندا ، شاھرۇلخان ئىككىنچى ئورۇندا ، ھېرتىك روشەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


چەتئەلدە : شاىھرۇلخان بىرىنچى ئورۇندا ،ئامىرخان ئىككىنىچى ئورۇندا ، ھېرتىك روشەن ئۈچىنى ئورۇندا تۇىدۇ. 

 

 

مانا بۇيۇقىرقىلار بىز تۇنۇشتۇرۋاتقان ھىندىستانننىڭ كىنو چولپىنى ئامىرخاننىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپى نەتىجىللىرى .

 

(ھۆرمەتلىك تورداش سىز تېخىمۇ كۆپ داڭلىق چولپانلارنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق لەگلەك تورىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھىپىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇنىدا بولسۇن)

 

 

 



خەتكۈچلەر:
22-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek