ساياھەتچىلەرنىڭ ئون تۈرلۈك ھوقۇقىنى بىلەمسىز؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەتچىلىك ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كېيىنرەك باشلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت بىلىملىرى كەمچىل. شۇ سەۋەبلىك ساياھەت جەريانىدا ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە سەيلىگاھلار ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ماجىرالار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىر قىسىم يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەت رايونلىرىدا ساياھەت مۇلازىمىتى كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن تۈرلۈك ھادىسە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنئاي ياسىن چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:


بىرىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ھوقۇقى بار. ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن توختام تۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ساياھەت كوپىراتىپى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەت لىنىيەسى، سەيلىگاھلار، ساياھەتنىڭ مەزمۇنى، ئۆزى تۆلەيدىغان ھەقلەر ( سەيلىگاھقا كىرىش بېلىتى، كىرا ھەققى، ياتاق – تاماق ھەققى، سۇغۇرتا ھەققى)، ساياھەت جەريانىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق بىلىشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت داۋامىدا ساياھەت يېتەكچىسى ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ باشلىشى ۋە زورلىشى بىلەن بەلگىلەنگەن سەيلىگاھ، مېھمانساراي، دۇكان – ساراي، ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قاتارلىقلاردا ساياھەت توختامىنىڭ ئىچىدە بولمىغان ھەر قانداق شەكلى ئۆزگەرگەن ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.

ئۈچىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتتىن بۇرۇن ياكى ساياھەت جەريانىدا شەخسىي ئىشى تۈپەيلىدىن ساياھەتنى داۋاملاشتۇرالمىسا ۋە ياكى ساياھەتتىن يالتىيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ساياھەت توختامىنى ئۈچىنچى بىر تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۆلەشكە تېگىشلىك چىقىمنى ساياھەتچى ۋە توختامنى قوبۇل قىلغان ئۈچىنچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

تۆتىنچىدىن، ساياھەت توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى توشمىغانلىقى ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساياھەت ئۆمىكى ۋاقتىدا يولغا چىقالمىسا، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى باشقا ساياھەت ئۆمەكلىرىگە قوشۇپ قويسا، ساياھەتچىلەرنىڭ توختامنى بىكار قىلىپ، تاپشۇرغان ھەقنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار.

بەشىنچىدىن، ساياھەتچىلەر ساياھەت داۋامىدا ساياھەت كوپىراتىپلىرى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ جەرياندا كېلىپ چىققان جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك زىيىنى ئۈچۈن ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. سەيلىگاھ، مېھمانساراي، دۇكان – ساراي، ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت ھالقىلىرىدىن چىققان مەسىلە، زىيانغا شۇ تىجارەتنى قىلغۇچى ئۈچىنچى تەرەپ قوشۇمچە جاۋابكار بولىدۇ.

ئالتىنچىدىن، ساياھەت جەريانىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت جەريانىدا ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

يەتتىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۆزلىرىنى بىخەتەر، ساغلام بولغان ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت داۋامىدا ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا، توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش، سالامەتلىك ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان ساياھەت پائالىيەتلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.

سەككىزىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش داۋامىدا جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىسا، ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ ۋە شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت داۋامىدا مەسىلىگە يولۇقسا، دۆلىتىمىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

توققۇزىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت داۋامىدا ساياھەت توختامى بىكار قىلىنغان ئەھۋالدا، ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپتىن قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

ئونىنچىدىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ قانۇن – تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى ساياھەت باشقۇرۇش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مال باھا، قاتناش، سۈپەت – تېخنىكا، سەھىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.



خەتكۈچلەر:
31-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek