نەسرۇللاھ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى سۈننىي ۋە كۈرتلەرنى قۇراللاندۇرۇشنى ئەيىبلىدى

يەر شارى خەۋەر تورى 6-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھ ئامېرىكا پارلامېنتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن كۈنتەرتىپە كەلگەن ئىراقتىكى كۈرت ۋە سۈننى گۇرۇپپىلارنى قۇراللاندۇرۇش تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ ئەرەبلەرنى پارچىلىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. نەسرۇللاھ، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىگە قاراشلىق «مانار تېلىۋېزىيسى» دە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تېرور تەشكىلاتى ISIS كە قارشى تەشكىللىگەن بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئاۋال ئىراقنى ، كېيىن پۈتۈن رايۇننى «مەزھەب ۋە ئ‍ىرىق» ئاساسىغا قاراپ پارچىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. نەسرۇللاھ، «ئەرەبلەر، كۈرتلەر، سۈننىيلەر، شىئەلەر دىگەن نام ئاستىدا مەزھەب ۋە سىياسى جەھەتتە پارچىلاشنى مەقسەت قىلۋاتىدۇ، رايۇن دۆلەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۆز-ئارا ئۇرۇشقا سېلىپ پارچىلاش مەقسەت قىلىنۋاتىدۇ. ئىراقنىڭ پارچىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىنغان تۇنجى قەدەم ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان ئىراقتىكى گۇرۇپپىلارنى قۇراللاندۇرۇش قارارىدۇر. ئىراقتىكى ئەھۋال پۈتۈن رايۇنغا مۇناسىۋەتلىك. يەمەننى، ئىراقنى، سۇرىيەنى ۋە پۈتۈن رايۇن دۆلەتلىرىنى پارچىلاش مەقسەت قىلىنۋاتىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ پارچىلايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ پارچىلىنىدۇ» دېدى.
نەسرۇللاھ سۇرىيەدە لىۋان ئاللاھ پارتىيسى قۇراللىقلىرى بىلەن ئۆكتىچلەر ئارىسىدا تۇقۇنۇش بولىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىز ئىدلىب ۋە جىسر شۇگۇر قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمىدۇق، ئەكسىچە ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلدى، دېدى.
نەسرۇللاھ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە قاراتقان ھەرىكىتىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قاراپ مۇنداق دېدى؛ «سەئۇدىلىقلار يەمەندە قايسى نىشانىغا يەتتى؟ پرېزىدېنت مەنسۇر ھادىنى پايتەخت سەنئاغا ئەكىلەلىدىمۇ؟ ئەنسارۇللاھ ھەرىكتىنىڭ قۇراللىرىنى تارتىۋالالىدىمۇ؟ سەئۇدى ھېچقانداق نىشانىغا يىتەلمىدى. ئىراننىڭ نۇپۇزىنى يۇقىتالىدىمۇ؟ بىز سەئۇدىنىڭ زور مەغلۇبىيتى ۋە يەمەنلىكلەرنىڭ غەلبىسىنى كۆرىۋاتىمىز. سەئۇدىنىڭ يەمەن ھەرىكىتى بولسا تامامەن مەغلۇبىيەتتۇر» دېدى.



06-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek