پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە جاسۇس قوبۇل قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. گېرمانىيەدىكى «سۈرەت گېزىت»نىڭ 16-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاخبارات كومىتېتى يېقىندا ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، كەڭ كۆلەمدە ئاخبارات جاسۇسى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى «سۈرەت گېزىتى»دە مۇنداق دېدى:«ھازىرقى ئىسلام رادىكال ئۇنسۇرلىرى ۋە ئوڭ قانات رادىكال ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەھدىتىنى كۆزدە تۇتقاندا چوقۇم ئاخبارات قوشۇنىنى كەڭ كۆلەمدە تولۇقلاش كېرەك».
گېرمانىيەدە ھازىر چەتئەل ئاخباراتلىرىنى ئاساسلىق توپلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەۋپسىزلىك خىزمىتىگە مەسئۇل فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش ئىدارىسى ۋە ھەربىي ئىشلار جاسۇسلۇققا قارشى ئاپپارات-فېدېراتسىيە ھەربىي ئىشلار ئاخبارات ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاخبارات ئورگىنى بار. پىلانغا ئاساسەن، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى 225 ئاخبارات جاسۇسى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ 125 نەپىرى مەخسۇس تېررورلۇق ئاخباراتىنى توپلايدىكەن. شۇڭا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى بۇ ئاپپاراتلارغا 22 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ئاجرىتىدىكەن. گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى ئاخبارات جاسۇسىنى 250 كە كۆپەيتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 150 ى گېرمانىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرگە زەربە بېرىدىكەن، 200ى ئىسلام رادىكال ئۇنسۇرلىرىغا تاقابىل تۇرىدىكەن.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved