30 يۈەنگە قوغۇندىن بىرنى ئېلىپ يېگىنىمىزدە، ئۇ بەتتام چىقپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ تاشلىۋېتەمدۇق؟ ئۇنداق قىلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنامدۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنى 30 يۈەنگە سېتىۋالدۇقتە، يېۋىتەمدۇق – يە؟ بۇ بىر مەسىلە. بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ قوغۇننى پۇلغا سېتىۋالغانلىقتا.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلارغا دائىم ئۇچراپ تۇرىمىز. ساياھەتكە چىققاندا، بەزىدە خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا بىئاراملىق ھېس قىلىمىز ھەم شۇ ھامان كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپلا كەتكۈمىز كېلىپ كېتىدۇ. ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەر ھەممە ساياھەت نۇقتىلىرىنى تولۇق كۆرۈپ ئاندىن قايتىدۇ، بۇ سەپەر بەكلا كۆڭۈلسىز بولسىمۇ.
ۋاز كەچسەك، بۇنىڭغا سەرپ قىلغان پۇلغا ھېچ نەرسە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ ۋاز كەچمىسەك، ئەمەلىيەتتە، سېتىۋالغىنىمىز كۆڭۈلسىزلىك، ئازاب بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يەنىلا مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيمىز؟ چۈنكى سەرپ قىلغىنىمىز پۇلدە.
پۇلنىڭ زادى قانداق قىممىتى بار؟ پۇلنىڭ قىممىتى ئىككىلا يەردە بولىدۇ: بۇنىڭ بىرى، ياشاشتا، يەنە بىرى، تۇرمۇش كەچۈرۈشتە. ئەسلىدە ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق سېتىۋالغىلى بولىدىغان پۇلغا ئۇ نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمىز جەزىملىشىپ قالسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇ چاغدا بۇ پۇلدىن ۋاز كېچىش ھەتتا ئادىمىيلىكتىكى بىر خىل ئاقىلانىلىكمۇ – قانداق؟
قىممەت يارىتالمايدىغانلىقى ياكى مەنپىي قىممەت يارىتىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالغان بۇنداق پۇلدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزىمۇ پۇلنىڭ يەنە بىر خىل قىممىتى بولسا كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved