ئىراق ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەربابى 22-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر داۋاملىق مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا شىددەتلىك توقۇنۇشتى. ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن شەھەر بازارلىرىنى ئىگىلىدى، غەربىي لىنىيەدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى.
ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بىر خەۋەرچى ئەرباب 22-ئىيۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر 21-ئىيۇن مۇھىم چېگرا شەھىرى گايۇمنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەنە شۇ كۈنى ئارقىدىن بۇ ئۆلكىنىڭ لېيۋا، ئارنىر، رۇتبەختىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم شەھەر بازىرىنى ئىگىلىدى. بۇ خەۋەرچى ئەرباب مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر 21-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن پايتەخت باغداتنىڭ غەربىي شىمالىغا 275كىلومېتىر كېلىدىغان لېيۋا شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئارنىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ساقچى ئىدارىسىنى ئىگىلىدى، شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ساقچىلار قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا بۇ يەردىن چېكىندى. باغداتنىڭ غەربىي شىمالىغا 200كىلومېتىر كېلىدىغان خادىزە شەھىرىگە يېقىن رايونمۇ شۇ كۈنى قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىندى. 21-ئىيۇن كەچتە قۇراللىق ئۇنسۇرلار يەنە باغداتنىڭ غەربىگە 370كىلومېتىر كېلىدىغان رۇتبەخ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. 22-ئىيۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر ئىزچىل خادىزە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ 2مىڭدىن ئارتۇق ياردەم بېرىش ئارمىيەسى شۈ كۈنى خادىزە شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، قۇراللىق ئۇنسۇرلارنى توسۇشقا تەييارلاندى.
لېيۋا، ئارنىر، خادىزە شەھەرلىرى ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسىدىكى باغداتقا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا، رۇتبەخ شەھىرى باغداد ۋە سۇرىيە بىلەن ئىراق چېگرىلىنىدىغان يەنە بىر تاشيول لىنىيەسىدە. كۆزەتچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ لېيۋا ۋە ئارنىر شەھىرىنى ئىشغال قىلىشى ھەمدە خادىزە شەھىرىگە كۆز تىكىشىدىكى سەۋەب- ئۇلارنىڭ نىشانى خادىسەي شەھىرىدىكى ئىفرىتىس دەرياسىدىكى بىر مۇھىم توغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ توغاندا 1000مېگاۋاتلىق سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار، بۇ توغان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئىراقنى توك بىلەن تەمىنلەشكە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا كەلكۈن ئاپىتى كېلىپ چىقىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سائاد مان 22-ئىيۇن مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك قىسمى ھازىر سۇرىيە بىلەن ئىراق چېگراسىدىكى ۋالىت تەكشۈرۈش پونكىتىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. بۇ تەكشۈرۈش پونكىتى قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئىشىغال قىلىۋېلىنغان رۇتبەخ شەھىرىگە 120كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىراق بىلەن ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتى ھازىرمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا. ئەمما ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بىر خەۋەرچى ئەرباب مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك قىسمى لىۋاد تەكشۈرۈش پونكىتىدىن چېكىندى، قۇراللىق ئۇنسۇرلار ھازىر بۇ تەكشۈرۈش پونكىتىنى كونترول قىلماقتا. ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، ئۇنداقتا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھازىر سۇرىيە بىلەن ئىراق چېگراسىدىكى بارلىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا بولغان كونتروللىقنى يوقاتتى. 15-ئىيۇن كۇرد قۇراللىق كۈچلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سۇرىيە بىلەن ئىراق چېگراسىدىكى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنى كونترول قىلغانىدى.
ئىراق ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى قاسىم ئاتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ غەربتىكى شەھەردىن چېكىنىشى بىر ئىستراتىگىيەلىك تاللاش، ئەسكەر كۈچىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىمالدىكى نىنىۋا ئۆلكىسىنىڭ 2-چوڭ شەھىرى تەيلىئافىر شەھىرىدە بىخەتەرلىك قىسمى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بەردى. سالاھىدىن ئۆلكىسىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھاۋا كۈچىنىڭ ياردىمىدە قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىراقتىكى 1-چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ بەيجى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا قىلغان كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، بەيجى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ھازىر ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كونتروللىقىدا.
ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر بىلەن بىخەتەرلىك قىسمى شىددەتلىك توقۇنۇشى، 10- ، 11-ئىيۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر مۇسۇل بىلەن تىكرىتنى ئىشغال قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشتى، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلاشماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved