قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى تۈنۈگۈن 2015-يىلى 3-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ بۇ يىل 3-پەسىللىك ساپ زىيىنى 89 مىليون دوللار بولۇپ، مالىيە ئەھۋالى ۋال كوچىسىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىنىدىن ياخشىراق بولغان.
مالىيە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى 3-پەسىلدە جەمئىي 548 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ ئانالىزچىلار مۆلچەرلىگەن 485.2 مىليون دوللاردىن سەل يۇقىرى چىققان. ھالبۇكى، ساپ زىيان 89 مىليون دوللار بولغان، نىسبەتەن ئېيتقاندا، قارا بۆلجۈرگەننىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە تارتقان ساپ زىيىنى 148 مىليون دوللار بولغان ئىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسىنىڭ جۇغلانما چۈشۈش نىسبىتى %29 گە يەتكەن.
قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى يىقىندا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى Priv نى بازارغا سالغان، ئىگەللىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ بازاردىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان، ھەتتا ۋولمارت ۋە Best Buy قاتارلىق پارچە سېتىش ھالقىلىرىدا مال يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved