شىنخۇا تورى ، ئەنقەرە ، 28-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : تۇركىيە ‹‹ كۈندىلىك خەۋەرلەر ›› گېزىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كارامان ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، 18 ئىشچى قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان .
كارامان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇراتنىڭ ئېيتىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەندە 40 نەپەر كان ئىشچىسى قاپسىلىپ قالغان ، كېيىن بىر قىسمى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ، لېكىن يەنە 18 نەپەر ئىشچىسى يەنىلا قۇدۇق ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان . قۇدۇقنىڭ بىردىنبىر چىقىش ئېغىزىنى سۇ بېسىپ كەتكەچكە ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى قىيىن بولغان . مۇرات مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا .
بۇ يىل 13-مايدا تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى مانىسا ئۆلكىسىنىڭ سوما رايونىدىكى بىر خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ ، 301 ئادەم قازا قىلىپ ، 80 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلىنىپ ، تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق كان ۋەقەسى بولۇپ قالغان . (مۇستافا كايا فوتوسى)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved