بىر كۈن ئېچىلغان تېرورىزمغا مەبلەغ ياردىمى بېرىشقا زەربە بېرىش خەلقئارالىق يىغىنى تۈنۈگۈن بەھرەيىندە ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن يىغىن قاتناشچىلىرى قانداق قىلغاندا تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ مەبلەغ زەنجىرىنى ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. بەھرەيىننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خالىد سۆز قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر مېخانىزم بەرپا قىلىپ، بەزى پۇل مۇئامىلە ۋە خەيرى ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ مەبلىغىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەتكەسچىلىك قاتارلىق قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىشلىتىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى ھەمدە دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ كۈندىكى يىغىنغا قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved