ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋى بەختىنى قانداق يارىتىدۇ؟

ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.

 

كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار. تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئېرىنىڭ نارازىلىقى ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ ئىشلاردە بىرلىككە كېلىپ، كىچىك ئىشلاردا پەرقنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ ئائىلە ئىناق بولىدۇ.


ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ئايال.ئشەنچ ئەسلىدىنلا بىرخىل سېھرى كۈچ. ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېتراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىگە ئىشىنىش تاشقى كۆرۈنۈشتىلا ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم ئاشۇرۇش، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈش بىلەن ئۆزىنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئايال.ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن ئېرىنى، بالىلىرىنى سۆيۈش تەبئىي ئىش، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى قەدىرلىگەنلىك.

 

چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ قالمايدىغان، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئايال.تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى دائىم بولىدىغان ئەھۋال. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپنى تەكىتلەش، ھودۇقۇپ كەتمەسلىك، كىچىك ئىشلاردا ئەڭ ياخشىسى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەمىشە كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ جاڭجاڭلاشسا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىنى، ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


بەلگىلىك دەرىجىدە ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايال. ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئاياللار بىر مۇنەۋۋەر «غوجىدار» بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئائىلە مەيلى قانچىلىك ياخشى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ قوش شەمشەردەك ماسلىشىشى بولسا بىر مۇكەممەل ماسلىشىشتۇر. توي قىلغان ئاياللار ئائىلە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگەللەپ، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال ئائىلە ئىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، غەم-قايغۇدا چارىسىز قېلىشتىن كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.


ئۆزىنىڭ قىزىقىش، ھەۋىسىنى ساقلاپ قالغان ئايال. ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى، بولمىسا ئۇلاردا ئائىلىگە كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى سىقىلىش يۈز بېرىدۇ. تويدىن كېيىن ئاياللار ئۆزىنىڭ نورمال دوستلۇق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.



03-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek