توردىن ساختا بېلەت سېتىۋالغان قىزچاق ئەرز قىلدى

     يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار 12306 تورىنىڭ تەكشۈرۈش نومۇرىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى سۆزلەشكەن. ۋاقتىدا تەكشۈرۈش نومۇرىنى كىرگۈزەلمىگەچكە، بېلەت ئالالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، نۇرغۇن تور ئالدامچىلىرى، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، پۇل تاپماقچى بولغان. 21-دېكابىر، چاڭشا شەھىرىدىكى ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى شەھەر ئاھالىسى شىياۋ سۇدىن كەلگەن ئەرزنى تاپشۇرۋالغان، بۇياقنىڭ دېيىشىچە، توردىن بېلەت سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئالدامچىلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، بېلەت پۇلىنى بېرىپ بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون ئالمىغانلىقىنى ئېيتقان.17-دېكابىر، شىياۋسۇ 12306 تور بېكىتىدىن كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى بېلەتنى سېتىۋالماقچى بولغان، لېكىن تەكشۈرۈش نومۇرىنى كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغان. قارىسا بېلەت سېتىلىپ تۈگەي دەپ قالغان، ئۇ جىددىيلىشىپ، توردىن ئىزدىگەن، شۇنىڭ بىلەن باشقا بىرى توردىن بېلەت ئېلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنى كىملىك نومۇرىنى ئەۋەتسىلا، پۇل تۆلەپ بېلەت ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن پۇلنى ئالدىن ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ھەم بېلەتنىڭ ئادەتتىكى بېلەتلەرىن 100 يۈەن قىممەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

      18-دېكابىر، شىياۋسۇ قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، ئۇ بېلەتنى ئالغانلىقىنى ئېيتقان. ھەم بېلەتنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن. ھەم ئۇنىڭ بېلەت پۇلى 437 يۈەننى تۆلىۋېتىشىنى ئېيتقان. شىياۋسۇ پۇلنى تۆلەپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا، ئۇلار شىياۋسۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتكەن. ئۇ تېلېفون ئۇرسا، ئۇلار ئۇنىڭ شىياۋسۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپلا تېلېفوننى قويىۋەتكەن. ئۇ دوستلىرىغا ھاۋالەت قىلىپ، بېلەتنىڭ راست يالغانلىقىنى تەكشۈرتكەن، نەتىجىدە بېلەت كومپىيوتۇردا ياسالغان بوپ چىققان.

ئىستېمالچىلار ئەرز شىكايەت مەركىزىدىكى مەسئۇل خادىم مۇنداق دەيدۇ:  ئىستېمالچىلار توردىن بېلەت سېتىۋالغاندا، چوقۇم كۆزىنى يوغان ئېچىپ، داڭلىق، ئىشەنچىلىك، ھەم ھوقۇق بېرىلگەن رەسمىي تور بېكەتلەردىن بېلەت سېتىۋېلىڭ، ھەرگىز، توردىن بېلەت ئەپ بېرىمەن دېگەندەك ئالدامچىلارغا ئىشەنمەسلىكنى ئەسكەرتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek