ناتىكىس‹Natixis› پۈتۈن دۇنيادىكى پىنسىيگە چىقىش سانى، 20 تۈرلۈك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچ، 150 دۆلەتنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمى قاتارلىق تۈرلەرگە تايىنىپ پىنسىيە كاپالىتگە قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. بۇ 20 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ پىنسىيە تۇرمۇشى ھەم ياشانغانلارنىڭ ئومومىيۈزلۈك بەخىت تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان .
بۇ قېتىملىق كۆرسەتكۈچ سان بۇ بىرقانچە دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش ئىشلىرنى، ماددىي تۇرمۇش سەۋيەسىنى، پىنسىيە مالىيە ئەھۋالىنى ھەمدە تۇرمۇش ساپاسىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ سەككىزى ياۋروپا قىتەسىگە جايلاشقان.
ئامېرىكا ئۇدا ئىككى يىل 19- ئورۇنغا تېزىلىپ ، ئەنگىليە، كورىيە، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان. يېڭى زېلاندىيە، ئېرلاندىيە ،كوريىەلەر بۇ يىل دەرىجىسى ئەڭ تېز كۆتىرىلگەن ئۈچ دۆلەت بولۇپ، ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئاخىرقى 10 دۆلەت بولسا ئافىرىقا دۆلەتلىرى. ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا زىمبابۋې .
شۋېيتسارىيەنىڭ 2013-يىلدىكى دەرىجىسى بولسا 2-دەرىجە. پىنسىيگە چىققانلارنىڭ مالىيە كاپالىتى جەھەتتە شۋېيتسارىيە بۇلتۇر نورۇۋېگىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن، ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان.
نورۇۋىگىيە 2013 –يىلى بىرىنجى، گەرچە بۇلتۇرقىغا سىلىشتۇرغاندا بىر دەرىجە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن نورۇۋىگەيەنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى يەنىلام شۇنداق يۇقىرى سەھيە كاپالەتلىرى شۇنداق مۇكەممەل، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ناھايىتى پۇختا ھەم ئىشەنچلىك. كىشى بىشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ھىسابلىسا نورۇۋىگىيە دۇنيا بويىنچە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوق بايلىق مەبلىغى كۆلىمى 8000 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ شۇ يىلقى ئىقتىسادىي ھاسلاتلىرنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ دىگۈدەك كىلىدۇ.
ئاۋسترىيە 2013-يىلدىكى رەت دەرىجىسى بولسا بەشىنجى. دوكلاتلاردا ئاۋسترىيە دە پىشقان بازار ئىقتىسادىنىڭ بارلىقىنى. كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرلىقىنى، پۈتۈن خەلق داۋالاش تۈزمىنىڭ قاپلىنىش دائىرسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى ئېيىتقان.
شىۋىتسىيە، 2013 –يىلدىكى ئورۇن دەرىجىسى بولسا تۆتىنجى. شىۋىتسىيە شىمالىي ياۋروپانىڭ نەمۇنچىسى، ئۇنىڭ ئىكىسپورت يۆلىنىشچان ئىقتىسادىي ئىنتايىن چوڭ بولغان رىقابەت كۈچىگە ئىگە، پاراۋانلىق تۈزمى پۈتۈن خەلقكە يۈزلەنگەن. پۈتۈن خەلق داۋالاش تۈزمى، ئوتتۇرىچە يۇقرى مەلۇماتلىق دوختۇرلارنىڭ سانى ھەمدە ياشانغانلارنىڭ مۆلچەرئۆمۈرنىڭ يۇقىرلىقى (ئوتتورىچە يىشى 82 ياش ) بولشىدەك سەۋەپلەر شىۋىتسىيەنىڭ داۋالاش – ساقلىقىنى ساقلاش تۈزمى شەرەپ تاختىسنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.
ئاۋىستىرالىيە 2013 – يىلىدىكى دەرىجىسى بولسا 13-قاتاردا تۇرىدۇ. ئاۋىستىرالىيە دۇنيا بويىچە ئۆسىشى ئەڭ تىز بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى. مۇلازىمەت كەسپى بىلەن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار كەسپى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ دۆلەتتە مۇستەھكەم پاراۋانلىق تۈزمى بار. كىرىم ئوتتورىچە دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى.باشقا چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بەك تۆۋەن(2014-يىلى تەخمىنەن 5% ).
دانىيە 2013-يىلدىكى دەرىجىسى بولسا سەككىزىنجى. دانىيە دۇنيا بويىچە بەخىت تۇيغۇسى ئەڭ يۇقرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇ سەۋەپتىن بۇ دۆلەت دۇنياغا مەشھۇر. دانىيە گەرچە ھازىرقى زامان بازار ئىگىلىكى، لېكىن ئۇنىڭ خەلقى كەڭ كۆلەمدە ھۆكۈمەت پاراۋانلىق سىياسىتى بىلەن يۇقىرى ساپالىق تۇرمۇشتىن بەھىرلەنمەكتە. دانىيەدە كىرىم تەڭسىزلىك سەۋىيەسى بەك تۆۋەن، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا كىشى بىشى ئوتتورىچە كىرىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، تەخمىنەن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.
گىرمانىيە 2013-يىلىدىكى دەرىجىسى بولسا توققۇزىنچى. گىرمانىيە ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، مۇلازىمەت كەسپى بىلەن كۈچلۈك بولغان، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ئاساس قىلغان ئېكسپورت باشلىما خاراكتىردىكى ئىقتىسادى بار. بۇنىڭدىن باشقا گىرمانىينىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك پاراۋانلىق ھەم سەھيە سىستىمىسى بار. ئۈزلۈكسىز تۈردە مۇھىت مەسلىسىگە دىققەت قىلغانلىقتىن گىرمانىيە ئۆزنىڭ تۇرمۇش سۈپتى كۆرسەتكۈچ دەرىجىسنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن يەنە كىلمات ئۆزگىرشى ساھەسىدە ياخشى ئىپادىسى بار .
فىنلاندىيە 2013-يىلى 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. فىنلاندىيە بولسا ئاھالە تۇرمۇش سۈپتى ئىنتايىن يۇقرى دۆلەت. گەرچە بۇ دۆلەتنىڭ پىنسىيە مالىيە ئەھۋالى بىلەن ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىكى دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سەھيە جەھەتتە شۇنداق تەرەققى قىلغان. پۇل مۇئامىلە سىستىمىسى شۇنداق مۇستەھكەم.
يىڭى زىللاندىيە 2013-يىلى بولسا 22-قاتاردا تۇرىدۇ. يىڭى زىلاندىيە 22-دەرىجىدىن 9-ئورۇنغا يىتەلىشىدىكى سەۋەب بولسا پىنسىيە مالىيە ئەھۋالى ئېنىقلا ياخشىلاند . كونكىرىت ئېلىپ ئېيىتقاندا يىڭى زىللاندىيە باج يىغىش بىسمىنى تۆۋەنلىتىش، بانكا قەرزمۇئامىلىسى ياخشى بولشىدىن ھەمدە كىرىم باراۋەرلىشىش قاتارلىق مەسسىللەردە ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. رەسىم بولسا يىڭى زىللاندىيەنىڭ كونىسىدىن.
ليۇكسېمبۇرگ. 2013-يىلدىكى دەرىجىىسى بولسا ئۈچىنچى. پۈتۈن دۇنيا پىنسىيە كۆرسەتكۈچ سانىنىڭ كۆرسىتىشىچە ليۇكسېبۇرگ ئۈچىنجىدىن بۇ يىلقى 10-چۈشۈپ قالغان. ليۇكسېبۇرگ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، كىشى بىشى كىرىمى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ، سەھيە سىستىمىسى ئىنتايىن مۇكەممەل.لىكىن بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ تارمىقى بولغان بانكا مۇلازىمىتى دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا ئۇچىردى .
تەھرىر: ئوسمان
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved