شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 5-فېۋرال تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-فېۋرال ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كرىستىنا بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇپ، ئۆزئارا تەبىئىي ھەمكارلىق شېرىكلىرىدۇر. تۈنۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ھۆرمەتلەش ۋە قوللاشنى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىككى تەرەپ تەڭ بېيىشنى، خەلقئارا ئىشلاردا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى جانلىق، يۇشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى تەرەپ ئۆز تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىۋاسىتە سودىسى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر يۈرۈش ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول، يادرو ئېلېكتىرى، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە مول تەجرىبە توپلاپ، بىر قەدەر كۈچلۈك تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئىگە بولدى، ئالاقىدار ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق، جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى گۈللەندۈرۈش، يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇساپىلىرىگە پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.
شۇنداقلا يەنە يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ.
كىرىستىنا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستانىلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، زىيارىتىمدىكى مول نەتىجىلەر ئارگېنتىنا-جۇڭگو ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى نۇقتىغا ئايلاندى. ئارگېنتىنا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، تېلېگراف، مائارىپ ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved