بېلەت باھاسى ئەرزان ئايروپىلانلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىسپاتلانمىدى

ئەرزان باھالىق ھاۋا قاتناش كارخانىسى بولغان گېرمان قانىتى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 24-مارت فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، 150 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ-بۇلتۇر 28-دېكابىر ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 2-قېتىم بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىختىيارسىز بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرۇش بىخەتەرمۇ-ئەمەسمۇ دەپ سورىماي قالمىدى.
بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى يەنە تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركىتى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە تىجارەت ئەندىزىسىدىن سۆز باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى-بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئاۋىياتسىيە يولۇچىلىرى مۇلازىمىتىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق، تىجارەت تەننەرخىنى ئادەتتىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن بىر قەدەر تۆۋەن دائىرىدە تىزگىنلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ئەرزان بېلەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇقۇمى ئامېرىكىدا پەيدا بولغان، كېيىن تېزدىن يەر شارىغا كېڭەيگەن. ئايروپىلان تاللىغاندا، نۇرغۇن يولۇچىلار بارىدىغان جايىغا تېز، بىخەتەر يېتىپ بېرىشنىلا ئويلاپ، بېلەت باھاسى ۋە قوشۇمچە مۇلازىمەتلەرنىڭ قىممەتلىكىگە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى. بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى دەل مۇشۇ ئېھتىياجنى چىڭ تۇتۇپ، تەننەرخنىڭ تۆۋەن، ئەرزانلىقىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، تۆمۈريول قاتنىشى قاتارلىقلارنىڭ قولىدىن نۇرغۇن يولۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بازار ئۈلۈشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يەنە دائىم قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا تۈرلۈك ئېتىبار باھالىق تاللا مۇلازىمەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بېلەت باھاسىنى ئاساسلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.
11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى توشۇش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش، ئايروپىلانلار بىكار قېلىش ئىشى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى، ئەمما بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ سودىسى داۋاملىق گۈللىنىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشى بولدى.
بېلەت باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن ھۈنەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
بۇنىڭدىكى ھۈنەرلەرنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئادەتتە بازىرى ئىتتىك تۈگۈن ئايرودۇرۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىك ئايرودۇرۇملارنى ئىشلىتىپ، ئايرودۇرۇم ئىشلىتىش راسخوتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

بۇنىڭدىكى ھۈنەرلەرنىڭ ئىككىنچىسى شۇكى، ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇش سانى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ زىچلىقىنى كۆپەيتىدۇ. بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئاساسلىقى يولۇچىلار كۆپ، شۇ كۈنى بېرىپ كېلەلەيدىغان ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلەردە تىجارەت قىلىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىر ئايروپىلاننى بىر كۈندە ئىشلىتىش سانى سەككىز قېتىمغا يېتىدۇ، ئەمما چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئۇچىدۇ، بۇ-بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئايروپىلانلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
بۇنىڭدىكى ھۈنەرلەرنىڭ ئۈچىنچىسى شۇكى، كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش ھەققى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ چىقىمىنى ئازايتىدۇ. بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئادەتتە توردا بېلەت زاكاز قىلىش ۋە توردا تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بېلەت ۋە پۇكەيدىكى ئادەم كۈچى تەننەرخىنى ئازايتىدۇ. ھاۋا يوللىرى ئادەتتە ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە بولغان قىسقا مۇساپە بولغانلىقتىن، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار بىر قەدەر ئاز بولىدۇ شۇنداقلا ھەقسىز يېمەك-ئىچمەكمۇ بەرمەيدۇ، بارلىق ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەر ھەقلىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يەنە ئورۇندۇق ئارىلىقىنى قىسقارتىپ، ئورۇندۇقلارنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچى ئېلىپ ماڭىدۇ، ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ بېلەت باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈك-تاقلارنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتى قىلمايدۇ.
گەرچە بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا كۆپ يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن يولۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۈستىدە گەپ بولغاندا، كۆپ ھاللاردا ئويلايدىغىنى بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلىتى شۇنچە ئەرزان، ئۇنداقتا بۇ ئايروپىلانلار بىخەتەرمۇ دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك جەھەتتە ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە تىجارەت ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، بولمىسا، ئۇچۇشنى توختىتىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش نىسبىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوق.
ئامېرىكا غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى-ئەڭ بۇرۇنقى، ئەڭ داڭلىق بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق ئايروپىلانى بار، ئۇدا ئىككى يىل ئامېرىكا ئىچىدىكى يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ، «خەلقئارا ئاۋىياتسىيە» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئالدىنقى ئون ئورۇندىكى ئەڭ بىخەتەر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بېلەت باھاسى ئەرزان ئاساسلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ياخشى بىخەتەرلىك خاتىرىسىنى ساقلاپ كەلگەن.
ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، بۇ شىركەت ئۇدا ئالتە يىل دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ باھالانغان. بۇلتۇر 28-دېكابىر ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ QZ8501 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرى بۇ شىركەت ياخشى بىخەتەرلىك خاتىرىسىنى ساقلاپ كەلگەن، ئېغىر ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن. گېرمان قانىتى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىمۇ بۇندىن بۇرۇن ئېغىر ھادىسىگە ئۇچرىمىغان. 24-مارتتىكى ئايروپىلان ۋەقەسى-بېلەت باھاسى ئەرزان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپادا چۈشۈپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
27-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھى سالمان ۋەزىپىدە ئولتۇرغىنىغا 20 يىل بولغان نېفىت مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە نېفىت مىنسىتىرلىكىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتمەچكى بولغان. ...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى. 7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: مې...
08-05-2016
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقىلى 70 نەچچە يىل بولدى. ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپمۇ 60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تا بۈگۈنگىچە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىيالمىدى....
08-05-2016
    بىرما تەشۋىقات مىنسىتىرلىكى 7- ماي ئۇچۇر چىقىرىپ، بىرمىنىڭ سان شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان بازار مونگىلا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىل...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.     7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
08-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇپ نامى ئاتىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان ترۇمپو 6- ماي تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم ياپونىيەگە قاراتتى. ترۇمپ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ناۋادا ياپونىيە ئا...
08-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچى تەرەپ 6–چېسلا بىر ئەرنى قولغا ئالغان، بۇ ئەر ئىككى كۈن بۇرۇن ۋاشىنگتون رايونىدا ئۈچ قېتىم قوراللىق ئوق چىقىرىش دېلوسى سادىر قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئا...
08-05-2016
    تۈركىيە باش مىنىستىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى داۋۇت ئوغلۇ 5- ماي ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەنقەر...
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
Powered by Leglek