جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە

1692-يىلى گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ لېيبىنىز جۇڭگولۇق بىر دوستىغا يازغان خېتىدە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ: يىراقتىكى ئىككى مىللەت ئارىىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان يېڭىچە بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلسا، ھەرقايسىىمىز ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئەقىل چىرىقىنى تەڭ يورۇتساق دېگەن ئىدى.


ئەينى چاغدا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېڭى بىر مەيدان جۇڭگو قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە سەنئەت شەكلى ياۋروپا جەمئىيىتىدە ئالقىشلىنىپ، ۋولتېر، لېيبنىز، كۇسناي قاتارلىق ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار جۇڭگونىڭ پەلسەپەسىدىن ئىدىيەۋىي ئىلھام ئالغان ئىدى.


9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ باش مىنىستىر لى كېچياڭ گېرمانىيە، رۇسىيە، ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا باشلىدى ھەمدە ئىتالىيەنىڭ مىلەندا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك يېقىن بولدى، يۇقۇرى قاتلاملارنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى كۆپەيدى.


لېيبىنىز ئۆز ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ 300 نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا يەنە بىر قېتىم مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بۇ قېتىم تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، 60 نەچچە ساھەدە سۆزلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورناتتى، 2013-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 559 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئىككى تەرەپتىن ھەر يىلى بېرىپ كېلىدىغانلار 5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.


جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يەتتى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئورتاق تونۇشقا كەلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشنىش، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا كۈچ چىقارغاندىن باشقا يەنە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر تۈۋرۈك قىلدى.


نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر ئادەمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشى مېخانىزمىدا ئىجابىي ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلدى، ئىككى تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىدىيە ساھەسىدە چوڭقۇر سۆزلەشتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئۇدا تۆت نۆۋەت جۇڭگو ياۋروپا مەدەنىيىتى باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزملىشىش يولىغا كىرىپ، يۇقۇرى قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىق يېڭى قېلىپى شەكىللەندى.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەدەنىيەت يىلى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزدى ياكى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، مالتا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەسىس قىلىنغان جۇڭگو مەدەنيەت مەركىزى بىلەن جۇڭگودىكى فىرانسىيە مەدەنىيەت مەركىزى گېرمانىيە گيوتى ئىنىستىتوتى، ئىسپانىيە سېرۋانتىس ئىنىستىتوتى قاتارلىقلار جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئەل رايى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدىغان مۇقىم تۈرتكۈلۈك كۈچكە ئايلاندى.

 

باش مىنىستىر لى كېچياڭ يېقىندا گېرمانىيەدە چىقىدىغان « دۇنيا گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: گېرمانىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ لېيبىنىز ۋە گىيوتىنىڭ جۇڭگودىكى تەتقىقاتىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ياۋروپا مىقياسىدا جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
گېرمانىيەلىك يازغۇچى گيوتى ئەينى يىللىرى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ، ئەدەبىياتى، پەلسەپەسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇغان ئىدى، ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيەسى، ھەرىكىتى ۋە ھىسسىياتى دىگۈدەك بىز بىلەن ئوخشايدۇ، بىز پات يېقىندا ئۆزىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېتىمىز،جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان لېيبىنىز مۇنداق دەپ قارىغان: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگودىكى بىلىملەر تېپىلغۇسىز بايلىق، ئەينى يىللىرى ياۋروپادىكى ۋولتېر، لېيبېنىز، كۇسناي، خورباخ قاتارلىق مۇتەپپەككۇرلارمۇ جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغان ھەمدە قىممىتى بار نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىغان ئىدى.


جۇڭگودىكى يېقىندا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئەھۋالىدىن كەلگەن، شۇنداقلا بۇ جۇڭگونىڭ تارىخ مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنىڭ ئاساسى، بۇنى ئىمكان قەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقى جۇڭگوغا يېقىنلاشقىلى، بىرتەرەپلىملىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوخشاش بولمىغان تارىخ ۋە مەدەنيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسى تۈزۈمگە ئىگە، ئەمما ئوخشاش بىر مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ، جۇڭگودا قەدىمكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئوخشاشلىق ئىچىدىكى ئوخشىماسلىق قارىشى نۆۋەتتىكى جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ.


جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كونكېرىت ئەمەلىييىتىدە جۇڭگولۇقلار جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن شىرىكلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئالايلۇق، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان پەيتتە جۇڭگونىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى دەل ۋاقىتىدا بولدى، ئالايلۇق، سودا ماجراسىغا ئۇچرىغان پەيتتە جۇڭگو باشتىن ئاخىرى ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تىرىشىپ تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەدىمدىن تارتىپ تىنچلىقپەرۋەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.



خەتكۈچلەر:
18-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek