مۇخبىرنىڭ 28- يانۋار بويالىف پاي كونترول گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر گورۇھ تيەنجىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ھايۋاناتلارنى كىلونلاش زاۋۇتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەجرىبىخانىلارنى ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە تېخنىك خادىملارنى تەقسىملەش خىزمىتىنى تاماملاپ، يىل ئاخىرىدىن رەسمىي ئىشلەپچىقرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
پىلانغا ئاساسلانغاندا كىلون زاۋۇتى ئاساسلىقى نەسىللىك ئىت، چوڭ ئىت، سۈپەتلىك كالا گۆشى، ئالىي نەسىللىك تۇلپار قاتارلىق ھايۋانلارنى كىلونلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، مەزكۇر كىلونلاش زاۋۇتى ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋانلارنى كىلونلاش تەجرىبىخانا ئاقما لىنىيىسى، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمىدىكى ھايۋانلارنى كىلونلاش مەركىزى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى گېن ماتېرىيال ئامبىرى ۋە پەن-تېخنىكا مائارىپ كۆرگەزمە مەركىزىگە ئايلىنىدىكەن. تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشقا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بارلىق مەبلەغنى جۇڭگو تەرەپ چىقىرىدىكەن، كورىيە تەرەپ ئاساسلىقى تېخنىكا ئەندىزىسى بۇيىچە پايغا كىرىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved