جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ۋە خاماس تەشكىلاتى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ 72 سائەت شەرتسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررىي ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىرلەشمە باياناتىدا:«بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى كونترول قىلىشىنى ھەمدە ئۇرۇش توختاتقان مەزگىلدە ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز» دېدى.
باياناتتا يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش ئاندىن گۇناھسىز پۇقرالارنى ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان كىچىككىنە خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ غەززەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت دەسلەپتە خاماس تەشكىلاتىنىڭ راكېتا بومبا ئېتىش ئىقتىدارىغا مەركەزلىك زەربە بەرگەن ئىدى، ئەمما نۆۋەتتە خاماسنىڭ لەخمە ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە تەھدىت سېلىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا كېڭەيدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved