جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى: مۇخبىر گۇ شىياۋيۈ
تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى يېقىندىلا يولغا قويغان بىر قانۇن لاھىيەسىنىڭ تەلىپىدە 2017- يىلىغا بارغاندا يانفۇنلارنىڭ توك قاچىلىغۇچىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۆلچىمىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ياۋروپا پارلامېنتى 550 بېلەتنىڭ قوشۇلىشى، 12 بىلەتنىڭ قارشى تۇرىشى بىلەن پۈتۈن جەھەتتىن يانفۇنلارنىڭ توك قاچىلىغۇچىسىنىڭ بىردەك بولۇش قانۇن لاھىيەسى تەستىقتىن ئۆتكەن.ھەمدە يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان توك قاچىلىغۇچنىڭ بىردەك ئۆلچەمدە بولۇشىنى ئوتتۇرغا قويغان. چۈنكى ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى يانفۇنلارغا ئىشلىتىدىغىنى بولسا MicroUSB ئۇلاش ئېغىزى، شۇڭا بۇ خىل ئۇلاش ئېغىزى يانفۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ توك قاچىلغۇچ ئۈچۈن چوقۇم ئىشلىتىدىغان بىردەك ئۆلچىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
گەرچە بۇ قانۇن لاھىيەسى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقۇرۇش كېڭىشىنىڭ تەستىقى ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقۇرۇش كېڭىشى ئىلگىرى يانفۇنلارنىڭ توك قاچىلىغۇچىنىڭ بىردەك بولۇش ئىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بولغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ لاھىيەسىنىڭ ئالمىغا بولغان تەسىرى چوڭ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad لەرگە ئىشلەتكەن توك قاچىلىغۇچنى ئۇلاش ئېغىزى باشقا خىل كارخانىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالما شىركىتىمۇ ئىزچىل ئۆزگەرتىشنى خالىماي كېلىۋاتقان. ئەگەر ياۋروپا ئىتيىقا مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىنى ئىجرا قىپىپ قالسا، ئالما شىركىتى ياۋروپا بازىرىغا كىرمەكچى بولىدىكەن چوقۇم ئۆزىنىڭ « ئۆزگىچە مىجەزى» دىن ۋاز كېچىشى كېرەك.
ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved