كىچىك ئالەم X6 يانفونى بازارغا سېلىندى، ئارانلا 599 يۈەن

       ۋاقىت 2016-يىلىغا قەدەم قويدى، كۆپلىگەن سودىگەرلەر يېڭى يىلنىڭ بېشىدا يېڭى باشلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ، ئارقا-ئارقىدىن يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى، مىڭ يۈەندىن تۆۋەن يانفونلار بازىرىدىكى كىچىك ئالەم (小宇宙) يانفون شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ 2016-يىللىق تۇنجى يېڭى نۇسخىدىكى يانفونىنى ئېلان قىلدى، كىچىك ئالەم X6 پات يېقىندا بازارغا سېلىنىدۇ.     دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، X5، شىڭيۈن قاتارلىق يانفونلارغا سېلىشتۇرغاندا، كىچىك ئالەم X6 نىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزان، ئەمما ئۆلچىمى، لايىھەسى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە. كىچىك ئالەم يانفون تور بېكىتىدە X6 نى رەسمىي بازارغا سېلىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى.


   باشقا كىچىك ئالەم مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش، يېڭىدىن كەلگەن كىچىك ئالەم X6 مۇ نەق مال تارقىتىش شەكلىدە بازارغا سېلىنىدۇ، بۇ يېڭى يانفون 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ئورگان تەرەپنىڭ سودا شەھەرچىسىدە سېتىلىشقا باشلايدۇ، زاكاس چۈشكەندىن كېيىنلا مال سېلىنىدۇ. باھاسى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ، كىچىك ئالەم X6 يانفونىنىڭ باھاسى پەقەت 599 يۈەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇنجى قەدەمدە كۈمۈش، ئاق رەڭلىك نۇسخىلىرى تەمىنلىنىدۇ.

   ئورگان تەرەپ كىچىك ئالەم X6 يانفونىنىڭ بۇ باھادا ھەم نەپس ھەم قىممەتكە ئىگە مەھسۇلات بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ماھىيەتتە كىچىك ئالەم X6 يانفونى 599 يۈەنلىك باھا بىلەن دەرۋەقە بەلگىلىك دەرىجىدە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇ يانفوننىڭ قېلىنلىقى 6.3mm لىق ئالاھىدە نېپىز قىلىپ لايىھەلەنگەن ھەمدە سىرتقى قېپى مېتال ماتېرىيال ۋە بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ھۈنەر سەنئىتى ئاساسىدا ياسالغان. ئېكرانغا 2.5D لىق ئەگرى يۈزلۈك ئەينەك ئىشلىتىلگەن، قوش ئەينەكلىك يۈنشىڭغا سېلىشتۇرغاندا، X6 ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلدى.

     ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك ئالەم X6 نىڭ ئېكرانى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، 5 ديۇملۇق تولۇق جىپسىلاشتۇرۇلغان كۆرسىتىش ئېكرانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P ئېنىقلىقتا. FHD ئۆلچىمىگە يېتىدىغان ئېنىقلىقتىكى 599 يۈەنلىك يانفون كەم ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا MTK MT6735 تۆت يادرولۇق بىرتەرەپ قىلغۇچ، 2G+16G لىق ساقلىغۇچ، 5/13 مىليون پېكسىللىق كامېرا ۋە 2150mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن، Android 5.1 سىستېمىسى قاچىلانغان.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek