سىنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ سائەت 7:30 ئۆتكەندە 2014-2015-مۇسابىقە پەسلى جۇڭگۇ ئەرلەر كەسپىي ۋاسكىتبول بىرلەشنە مۇسابىقىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن 6 نەپەر توپچى قوش خانىلىق نومۇر ئالدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 131-110 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىككى كوماندا تارىختا 15 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن. شىنجاڭ كوماندىسى 14 مەيدان ئۇتۇپ 1 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ ، چىڭداۋ كوماندىسى پەقەت بىر مەيدانلا شىنجاڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ باققان بۇلۇپ يەنى 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە چىڭداۋ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 115-97 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ باققان. شۇنىڭدىن بۇيان تېخى بىرەر قېتىم شىنجاڭ كوماندىسى چىڭداۋ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ باقمىدى. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشدا شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 112-104 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن بىلاچىر پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 41 نومۇر ئالدى. 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى. قىرانبېك 17 نومۇر ئالدى. 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى. شىرئەلىجان 15 نومۇر ئالدى . 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى.
لىيۇ ۋېي 13 نومۇر ئالدى. 3 قېتىم گردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 ياردەمچى پاس بەردى. جوۋ چى 13 نومۇر ئالدى. پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 7 قېتىم قارشى تەرەپكە قالپاق كەيدۈردى. يەنە بىر چەتئەللىك ئەزا تېلفىر 21 نومۇر ۋە 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
چىڭداۋ كوماندىسىدىن دونتىمۇن 36 نومۇر ئالدى. 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. جاڭ چېڭيۈ 22 نومۇر ئالدى. 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قېتىم توپ تارتىۋالدى. ياڭ گېڭلىن 20 نومۇر ئالدى. 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى. لو شۈدوڭ 10 نومۇر ئالدى.
كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ. چىڭداۋ كوماندىسى بولسا ساھىبخان مەيداندا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: بىلاچىر. شىرئەلىجان . قىرانبېك . جوۋ چى . لىيۇ ۋېي .
چىڭداۋ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: لو شۈدوڭ . تاڭ خەي. سوڭ تاڭمىڭ. خالس. جاڭ چېڭيۈ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved