شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى كۈندىكى ئىككى مەيدان ئىمتىھانى 7-ئىيۇن سائەت 17:00 دە غەلبىلىك ئاياغلاشتى. 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە دەرىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدىكەن، 20-ئىيۇن ئەتراپىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھەسىدىن خەۋەردار بولالايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 20-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورۇن رېتى ئېلان قىلىنىپ، 26-ئىيۇن ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن. 0-تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 28-ئىيۇن سائەت 20:00 دە (بېيجىڭ ۋاقتى)، باشقا ھەر قايسى تۈركۈملەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 1-ئىيۇن سائەت 20:00 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئاياغلىشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved