جۇڭگودىكى 21 ئۆلكە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا ئىلتىماس سۇندى

       «13-بەش يىللىق پىلان»نىڭ باشلىنىشغا ئەگىشىپ، يەرلىكلەردە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تالىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» يەرلىكنىڭ «ئىككى يىغىن»دىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە «13-بەش يىللىق پىلان» توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلار  ھەققىدە ئاشكارا ماتېرىيال رەتلەپ شۇنى بايقىدىكى، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە بېيجىڭ، خېبېي، جىلىن، سەنشى، چىڭخەي، شىزاڭ، شۇنداقلا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇپ بولغان تۆت جايدىن باشقا، قالغان 21 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا ئىلتىماس سۇندى.

      بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل يەرلىكنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىش قىزغىنلىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، 2015-يىلى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئۆلكىلەر 10 غىمۇ يەتمەيدىكەن. جياڭشى، يۈننەن، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار تۇنجى قېتىم «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا ئەركىن سودا سىناق رايونى (باغچا رايونى، پورت رايونى) قۇرۇشنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن جايلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىپادىسىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. مەسىلەن، بۇلتۇر «ئەركىن سودا باغچا رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويغان خەينەن 2016-يىلىدىكى «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»دا «دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون، ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى ئاكتىپ تالىشىش»نى تىلغا ئالغان. گەنسۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىپادىسىمۇ بۇلتۇرقى «ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى ئاكتىپ تالىشىش»تىن «ئۆلكى ئىلتىماس قىلغان ئەركىن سودا رايونى سىناق نۇقتىسىنىڭ بالدۇرراق تەستىقلىنىشىنى تالىشىش»قا ئۆزگەرگەن.

  ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل ئەركىن سودا رايونىغا ئىلتىماس قىلغان رايونلار ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇقى بويىدىكى ئۆلكىلەرگە مەركەزلەشكەن. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە، دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئىچكى قۇرۇقلۇق بويىنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى نىسبەتەن ئارقىدا ئىكەن، بۇ سەۋەبتىن ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئېچىشقا بولغان تەلەپ تېخىمۇ جىددىي بولماقتا. شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، تيەنجىندىن كېيىن، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىمۇ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا رايونى ماكانلىشىدىغان مۇھىم رايون بولۇپ قالغان.

  خۇنەن، شەنشى، چۇڭچىڭ، نىڭشيا، گەنسۇ، خېنەنلەرمۇ «ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىش»، «ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى تىلغا ئالغاندا، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئىلتىماسىنى «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى»غا ئېنىق كىرگۈزگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى موڭغۇل، خېيلوڭجياڭ، يۈننەن، گۇاڭشى قاتارلىق لىنىيە بويىدىكى رايونلارمۇ لىنىيە بويىنىڭ ئالاھىدە ماركىسىنى يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد سىناق رايونى، چېگرا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش قاتارلىق تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق دېڭىز بويى رايونلىرىمۇ بۇ دولقۇننىڭ ئارقىدا قالمىغان. جياڭشى «جۇشەن ئەركىن سودا پورت رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە پىلانلاش»نى ئوتتۇرىغا قويغان؛ جياڭسۇ «ئەركىن سودا رايونى تەسىس قىلىشنى تالىشىپ، تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش»نى ئوتتۇرىغا قويغان؛ نەنجىڭ شەھىرى «ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئاكتىپ ئىلتىماس قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغان؛ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرى «2016-يىلى ئەركىن سودا سىناق رايونىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلتىماس قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

  تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تيەنجىن ئەركىن سودا رايونى لايىھەسى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لۇ جىنيۇڭ «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە ئەركىن سودا رايونىغا ئىلتىماس قىلىشنى تالىشىش ئاساسلىقى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇق ئۆلكىلىرىگە مەركەزلەشكەن. ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دېڭىز بويىدا ئەمەس، پورت ئېغىزلىرىغا تايانمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن رايونلار كاپىتال، تېخنىكا قاتارلىق ئامىللارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇ ۋەجىدىن، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئۆلكىلەرگە نىسبەتەن، ئورۇن بېكىتىشتە، نېمىنى سىناق قىلىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك، دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەن مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ھەم ئۆزئارا توقۇنۇشىدۇ، يەنە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، باشلىنىش دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ.

  يەرلىكلەرنىڭ يېڭى بىر تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تالىشىش دولقۇنىدا، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇپ بولغان تۆت رايونمۇ ئەركىن سودا رايونغا بولغان يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شاڭخەي «ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ تيەنجىن «ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىشنى ۋەزىپە قىلىپ، كۆپەيتىش، كېڭەيتىشنى ئاساسىي تەلەپ قىلىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەركىن سودا باغچا رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي لايىھەنى  ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىر يىللىق باھالىشىدىن لاياقەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تيەنجىن ئەركىن سودا رايونىنى مىسالغا ئالساق، «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى تيەنجىن ئەركىن سودا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنجىن ئەركىن سودا رايونى «تيەنجىن ئەركىن سودا سىناق رايونىنى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيغا مۇلازىمەت قىلىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت لايىھەسى» تۈزۈۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە بۇ لايىھە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكىر بېرىشىگە سۇنۇلغان، تەستىقلانغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. تيەنجىن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەجرىبىلىرى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيلاردا ئالدى بىلەن ئىشلىتىلىدىكەن ھەمدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى كېڭەيتىش، قويۇۋېتىش سىناق نۇقتىسىنىڭ سىياسەتلىرى بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا رايونىدا 21 تۈرلۈك ئىسلاھات تەجرىبىسى، سەككىز تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي مىسالى تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ھازىر سودا مىنىستىرلىقى ئارقىلىق گوۋۇيۈەنگە يوللانغان، يېقىندا تەستىقلىنىشىدىن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماس كېلىدىغان رايونلاردا كېڭەيتىشكە باشلىنىشتىن ئۈمىد بار.



خەتكۈچلەر:
02-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek