يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى؛ رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىخەتەرلىك مەجلىسىنىڭ كاتىپى پاترۇشېۋ:«رۇسىيە ئۆزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دېمەيدۇ ھەمدە دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش ئورنىنى تالاشمايدۇ» دېگەن.
پاترۇشېۋ:«بىز شۇنى بىلىۋېلىشمىز كېرەككى، رۇسىيە پەقەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى، رۇسىيە ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئەمەس. ئامېرىكىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تالاشمايمىز» دېگەن.
پاترۇشېۋ يەنە:«بۇ بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى قوغداش زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن، بولۇپمۇ تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىمىزنى ئاكتىپلىق بىلەن قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېگەن.
بۇندىن بۇرۇن، رۇسىيەنىڭ ئەلباشى ۋىلادېمىر پۇتىن:«رۇسىيە ئۆزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت، دەپ قارىمايدۇ» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved