رىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، LG ئېلېكترونى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «قۇياش ئېنېرگىيىسى ئىشلىرى» نى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان. يېقىندا، LG ئېلېكترونى گى يوڭساڭ ھۆكۈمىتى ۋە تېرتېل تېيىل شەھىرى بىلەن قۇياش ئېنېرگىيىسى يېڭى مەھسۇلات لىنىيىسىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
LG ئېلېكترونى 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، تېرتېل تېيىل زاۋۇتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى يېڭى مەھسۇلات لىنىيىسىنى ھازىرقى سەككىزدىن 14 كۆپەيتىشنى، قۇرۇلۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1.8 مىڭ مېگاۋات كۆپەيتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ 3000 مېگاۋاتقا كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 3000 مېگاۋات ئادەتتىكى بىر مىليون ئائىلىنىڭ ئىشلەتكەن بىر يىللىق توك مىقدارىغا باراۋەر ئىكەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قۇياش ئېنېرگىيىسى قاتارلىق ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى LG ئېلېكتىرونى كارخانىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا باشلامچىلىق قىلىشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ تاللىغان، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى تەربىيلەشلەرنى كۈچ چىقىرىپ تەرەققىي قىلدۇرغان.
![]() |
Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.
Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved