Microsoft نىڭ قۇرغۇچىسى Bill Gates ۋە Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Steve Jobs ھەر ئىككىسى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن چوڭ شەخىسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان ۋاقتىنى كۆرۈش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس.
گەرچە، ئىككەيلەننىڭ بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلاشقان ھالىتىنى كۆرۈش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بىراق بەزىدە تاساددىپىي مۇنداق پۇرسەتلەر چىقىپ قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ يوق ئەمەس. تۆۋەندە بىر يۈرۈش رەسىملەر ئارقىلىق ئىككىيلەننىڭ بىرگە غىزالىنىپ پاراڭلىشىۋاتقان ھالىتىگە نەزەر سېلىپ باقايلى…
Steve Jobs قارىماققا بىرەر ئۇلۇغۋار پلانىنى سۆزلەۋاتقاندەك، Bill Gates ئوغرىلىقچە كۈلىۋېتىپتۇ…
Bill Gates قاتتىق ھاياجان بىلەن Steve Jobs قا بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرمەكتە
ئىككىيلەن ۋال-سترېت ژۇرنىلى پەن-تېخنىكا سالونىنىڭ ئاپتورى Walter Mossberg نىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا، Bill Gates ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئانچە پسەنت قىلمىغاندەك ئولتۇرىدۇ
Bill Gates نىڭ چىراي ئىپادىسى سەل غەلىتە تۇرىدۇ، Steve Jobs بولسا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلىماقتا
Bill Gates ھەدەپ Steve Jobs بىلەن پاراڭلاشماقتا، Walter Mossberg بولسا ياندىن قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغاندەك…
Bill Gates باشتىن ئاخىرى Walter Mossberg قا قاراپمۇ قويماي ئولتۇرىدۇ، قارىماققا ئۇنىڭ بىلەن ئانچە خوشى يوق بولسا كېرەك؟
Bill Gates ۋە Lotus نىڭ قۇرغۇچىسى Mitch Kapor ئىككىيلەن Steve Jobs قا قاراپ مۇغەمبەرلەرچە كۈلمەكتە، Jobs نىڭ بېشى نېمىشقا ساڭگىلاپ كەتكەندۇ؟
Mitch Kapor بىلەن Steve Jobs پاراڭلاشماقتا، Bill Gates بولسا ياندا چىرايىدا غەلبە كۈلكىسى ئەكس ئېتىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ…
بۇ دۇنياۋى شەخسلەر بىر يەرگە كەلسە نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىدىغانلىقى ھەقىقەتەن كۆپىنچەيلەن قىزىقىدىغان بىر مەسىلە. بۇ رەسىملەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، رەسىمدىكى Bill Gates بىر قەدەر «شاش»، Steve Jobs بولسا بىر قەدەر ئېغىر بېسىق، ھېچقانداق ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىمۇ يوق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved