ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى 17 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى نەنسى ئاشقازان يېنىك پالەچلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىل ناھايىتى ئېغىر بولغان ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەبلىك ئۇ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلالمايدىكەن، يەنە تېخى كۆڭلى ئېلىشىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەن، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن. ئۇ بىر يىل ئىچىدە 9 كىلوگرامغا يېقىن ئورۇقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم دوستلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلغان. چۈنكى ئۇ زىلۋا بەدەن قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان. نەنسى مۇنداق دېدى: ئاشقان كېسىلى سەۋبلىك ناھايىتى ئورۇقلاپ كەتتىم. ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى مودېلنىڭ بەدەن ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە يېتىپ قالدىم، سۆڭەكلىرىممۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەن بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن خۇشال بولۇشۇم كېرەك شۇنداقمۇ؟ مەن ئاخىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى يېتىش ناھايىتى قىيىن بولغان ئۆلچەمگە يەتتىم.
بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنداق ئويلىمايدۇ. ئاشقازان كېسىلى سەۋەبلىك ئۇنىڭ دائىم كۆولى ئېلىشىپ، ئاشقازىنى ئاغرىپ، ئاشقازىنى كۆپۈپ قالىدۇ، يەنە تېخى ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ. بىر قانچە دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ توغرا دىياگنوز نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىدى. ئاخىرىدا بۇ يىل 1-ئايدا تېخىمۇ كۆپلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دوختۇر ئۇنىڭ ئاشقازان يېنىك پالەچلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ كەتتى، ھازىر ئورۇقلاپ ئارانلا 43 كىلوگرام كېلىدۇ، بىر قسىىم مودېللاردىنمۇ ئورۇق ھېسابلىنىدۇ. بىراق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نەنسى ئازابلىق داۋالاش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، ئۇ ھەر ھەپتىدە دوختۇرخانىغا بىر قانچە قېتىم بارىدۇ، يول مېڭىشىمۇ ناھايىتى قىيىن. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ پەقەت بىر قىسىمىنىلا كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «قارىماققا دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللارغا ئوخشاپ قاپسەن»، «بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن»، «مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسام ھە» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى. نەنسى مۇنداق دېدى: ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن مېنىڭ كۆز قارىشىمدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، چۈنكى مەن ھازىر بىز قىزلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىمىزنىڭ ئەزەلدىن ساغلام بولمىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بەختكە يارىشا ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى نۆۋەتتە بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved