سەئۇدى ئەرەبىستانى راستىنلا بىر ئاجايىپ دۆلەت، بۇ دۆلەتتە نېفىت كۆپ بولۇپلا قالماي پۇلمۇ كۆپ، ھەتتا شاھزادىلەرنىڭ سانىنىمۇ «جاھاندا ئەڭ كۆپ» دېيىشكە بولىدۇ. دوستلار، سىلەر بەلكىم شاھزادىلەرنى سېرىق چاچ، كۆزى كۆك، كاستيۇم- بۇرۇلكا، شىبلىت كىيگەن، سالاپەتلىك ماڭىدىغان ئادەم دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ......
ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، كۆپ ساندىكى شاھزادىلەر بېشىغا قىزىل- ئاق ئارىلاش رەڭلىك ياغلىق چىگىپ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان، دائىم بۇرۇت قويۇۋالىدىغان «بالا يۈز» ىنى چىقىرىپ يۈرىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشتا «ئاكىسى چۈشسە ئۇكىسى چىقىدىغان» تۈزۈم يولغا قويۇلغان. يەنى، كۆپ ساندىكى شاھزادىلەر ۋارىسلىق قىلىش پۇرسىتى كەلمەي تۇرۇپلا قېرىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ...... نېمەدېگەن رەھىمسىزلىك ھە!
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا نەچچە مىڭ «شاھزادە» بار
سەئۇدى ئەرەبىستانى «بىر ئەر بىر خوتۇن» تۈزۈمى ۋە «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى يولغا قويۇلمىغان بولغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەرلەر كۆپ بولغاندا تۆت خوتۇن ئالالايدۇ ...... شۇڭا، شاھزادە، بەگزادىلەر قوشۇپ كەلسە ھېچ بولمىغاندا 5000 دىن ئاشىدۇ ...... سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مۇتەخەسسىسنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتىنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ قىممىتى ھېچ بولمىغاندا بىر تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، چەتئەلدىكى مەبلىغىمۇ 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا بارىدىكەن. ئەگەر كاڭشى خان ھايات بولغان بولسا، بۇ ئىشنى كۆرۈپ: «مەن ئۇتتۇردۇم» دەپ ئاھ ئۇرغان بولاتتى.
تۇغۇلۇپلا پۇلغا ئېرىشىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا شاھزادە، بەگزادىلەر كۆپ بولغاندىن باشقا، يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنىڭ سانىمۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى خام جەمەتىدىكى 5000 دىن ئارتۇق شاھزادە، بەگزادىنىڭ ھەر بىرى ھەر ئايدا نېفىت كىرىمىدىن 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مائاشقا ئېرىشىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتى يەنە ھەر يىلى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، 17 مىڭدىن ئارتۇق خان جەمەتى ئەزاسىغا تولۇقلىما بېرىدۇ.
تۆۋەندە بىز سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتىدىكى پادىشاھلاردىن تارتىپ شاھزادىلەرگىچە بايلىقىنى قانداق كۆز- كۆز قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
پادىشاھلار سەھىپىسى
1- نومۇرلۇق پادىشاھ: ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان سابىق پادىشاھ فاھىدنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالى بەش مىليون ياۋرو (35 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ) دىن ئاشىدۇ. فاھىد ھايات چېغىدا ھەر يىلى 8- ئايدا بوئىڭ 747 تىپلىق ھەشەمەتلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئىسپانىيەنىڭ ماربېللا دېگەن يېرىدىكى ئەل روسىئو قەسىرىگە بېرىپ دەم ئالاتتى. ئەل روسىئو قەسىرى بۇكىڭھام سارىيىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ، دەم ئېلىش مەيدانىدا ئاساسىي ساراي بولغاندىن سىرت، يەنە بىر كىچىك قەسىر، بىر قانچە داچا، ئىككى مەسچىد، ئىككى ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسى، ئۈچ تەنتەربىيە مەيدانى، دوختۇرخانا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ھەمدە 1500 نەپەر خادىمنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ياتاق بار.
فاھىدقا ئەگىشىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرلا 100 دىن ئاشىدۇ، يەنە بىر قانچە بوئىڭ تىپلىق ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا قاتناپ، جىددىدىن گۈرۈچ، مەككىدىن سۇ، رىيادتىن قوزا كاۋىپى توشۇيدۇ ...... خان جەمەتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى مېۋە يېيىش ئۈچۈن 2000 فوندستېرلىڭ، يېڭى كەترەن گۈلى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 1000 فوندستېرلىڭ خەجلەيدۇ. ھەر قېتىمقى دەم ئېلىشتا، كۈنىگە بەش مىليون ياۋرو پۇل خەجلىنىدۇ.
فاھىد بىن ئابدۇل ئەزىز ئەل سەئۇد
بوئىڭ 747 تىپلىق ھەشەمەتلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى، ئايروپىلاندا يەنە يىغىن زالى، سائۇنا مۇنچىسى، ئوپېراتسىيە خانىسى بار
ئەمدى فاھىدنىڭ ئىسمى بىلەن نام بېرىلگەن ئايرودرومنى كۆرۈپ باقايلى ـــ فاھىد پادىشاھ ئايرودرومى 1999- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 780 كۋادرات كىلومېتىر، جاھاندىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئايرودروم ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئايرودرومغا بىر قاراپ چېكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ......
2- نومۇرلۇق پادىشاھ ئابدۇللاھ: سوۋغا ماھىرى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پادىشاھى ئابدۇللاھنى سەئۇدى ئەرەبىستانى تارىخىدىكى ئىنتايىن «ئىقتىسادچىل» پادىشاھ دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ بىر مەھەل خام جەمەتىنىڭ چىقىمى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ قارىغان، تىرىشچانلىق ۋە ئىنتىزامچانلىقنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئىلگىرى: «ئاتام دائىم بىزگە يالىڭاياغ يول مېڭىشنى مەشىق قىلدۇراتتى، ھەر كۈنى تاڭ ئېتىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئورنىمىزدىن تۇرۇشنى، تاماقنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشنى، ئېگەرسىز ئات مىنىشنى بەلگىلىگەن.» دېگەنىدى.
2006- يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن پادىشاھىنىڭ يەسىرەسى 14 نەپەر مەلىكە ۋە توقال خانىشنى ئېلىپ، ئەل روسىئو قەسىرىگە دەم ئېلىشقا بارغاندا، پادىشاھ ئابدۇللاھ بۇنىڭغا قاتناشمايلا قالماستىن، يەنە تېخى خان جەمەتىدىكىلەردىن تېجەشچان بولۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقتىمۇ شۇ قېتىمقى مۇساپىدە خەجلەنگەن خىراجەت 10 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، تېخى «يامان ئۆگىنىپ قالغان» خان جەمەتى ئەزالىرى بۇنىڭدىن بېخىللىق ھېس قىلغان.
ئەمما ئابدۇللاھ سوۋغا بېرىشتە تولىمۇ سېخى. 2002- يىلى، فاھىد ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشقا قىممىتى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بىر دانە قىممەتلىك ماي بوياق رەسىم سوۋغا قىلغان؛ ئابدۇللاھ بولسا 2003- يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى رائۇلغا قىممىتى 955 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بىر يۈرۈش بېزەك بۇيۇمى سوۋغا قىلغان.
باي دەپ كىمنى ئېيتىمىز؟ پادىشاھنىڭ بېلىگە قىستۇرۇۋالغان «زەر خەنجەر» دىن ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ قانچىلىك باي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
3- نومۇرلۇق پادىشاھ سالمان: يېڭىدىن تەختكە چىققان «مۇلايىم پادىشاھ» نىڭمۇ «ھەشەمەتلىك تارىخى» بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى پادىشاھى سالمان گەرچە سابىق پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ پاك، ئىنتىزامچان ئىستىلىغا ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلگىرى بىر ھەشەمەتچى ۋەلىئەھدى ئىدى. سالمان شاھنىڭ يەنە بىر خۇسۇسىي تۈرمىسى بار بولۇپ، مەخسۇس خاتالىق ئۆتكۈزگەن شاھزادىلەر ۋە چېكىدىن ئاشقان ئىسراپخور مەلىكىلەر قامىلىدۇ، نېمە دېگەن قالتىس ھە!
ئەمما 2014- يىلى، سالمان تېخى ۋەلىئەھدى چېغىدا، 18 مىليون فوندستېرلىڭ پۇل خەجلەپ، مالدېۋىدىكى ئۈچ ئارالدىكى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك ئارامگاھنى سېتىۋالغانىدى، بۇ يەردە ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخوتى، دېڭىزدىكى لەيلىمە دوختۇرخانا بولغاندىن سىرت، يەنە 100 دىن ئارتۇق قوغدىغۇچىسى ھەمراھ بولاتتى، بۇلارغا جەمئىي 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل خەجلەنگەنىدى، ھەتتا بۇ ئۈچ ئارامگاھ باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ زاكازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەخسۇس سالماننى كۈتۈۋالاتتى. پادىشاھ سالمان بۇ «ھەشەمەتلىك تارىخى» نى ئەسكە ئالسا، «خۇسۇسىي تۈرمە» دە يېتىشنى ئويلاپ قالامدىغانمىدۇ؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved