سۇمرۇغ تورى خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بىرلەشمىسى تور پونكىتىنىڭ 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ھازىرغا قەدەر روسىيەنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسى ئۇرۇش تانكىسىغا سەپىلىنىۋاتقىنى ئاساسلىقى بىر قەدەر داڭلىق بولغان 2А46М تانكا توپى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگەرتىلگەن تىپى 2А46М-5 نىڭ نىشانغا دەل تىگىش نىسبىتى بۇرۇنقى تىپىغا قارىغاندا %20-15 يۇقۇرى كۈتۈرۈلگەن، ھەمدە يېڭى تىپتىكى ھەيۋىسى زور بولغان سۇپ كالبىرلىق تانكا تىشەر ئوقنى قۇيۇپ بەرگىلى بولىدۇ.
ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا ئەللىرىدە نۆۋەتتە ئەڭ ئىلغار بولغان تانكا توپى بولسا گىرمانىيەنىڭ «قاپلان» 2A6 تانكىسىغا سەپلىنىۋاتقان L55 تىپلىق 120 مىللىمىتىرلىق سىلىق سىتوۋللۇق توپ بولۇپ، ئۇنى ئىلگىركى 44 L تىپلىق 120 مىللىمىتىرلىق سىلىق سىتوۋللۇق توپ بىلەن سېلىشتۇرغاندا L55 تىپلىقنىڭ توپ سىتوۋلى 1.3 مىتىر ئۇزارتىلىغان، بۇ تانكا توپىغا قوللىنىلغان DM53 ۋە DM63 توپ ئوقلىرى بىر قەدەر ياخشى بولغان بىرونى تېشىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئامرىكىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يىرى گىرمانىيە تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئوق دورىسىغا ئامىرىكىنىڭكىدەك ناچار ئۇران ماتىرىيالى ئىشلىتىلمىگەن، بۇنىڭدىن باشقا L55 تانكا توپى بۇرۇنلا كورىيە ۋە تۈركىيەدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان يېڭى تىپتىكى ئاساسى ئۇرۇش تانكىلىرىغا سەپلەندى.
ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئېغىر تىپتىكى تانكا سۇپىسىنى ئاساس قىلغان يېڭى بىر ئەۋلات ئاساسى ئۇرۇش تانكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش جەريانىدا روسىيە تەتقىقاتچىلىرى نىسبەتەن يۇقۇرى ئوت كۈچى ئىقتىدارىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، 2000-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە يېڭى تىپتىكى 125 مىللىمىتىرلىق تانكا توپى-2A82 تىپلىق تانكا توپى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە 2006-يىلى كۈزدە توپ-زەمبىرەك تەتقىقات ئورنى N9 زاۋۇتىدا ئۈچ يولدا ئايرىم ئايرىم ھالدا 787، 613 ۋە 554 ئەۋرىشكە توپ ئوقىنى قۇيۇپ بەردى.
ھىم ۋە قىسمەن خىرۇم يالىتىلغان پۇلات ماتىرىياللىق توپ سىتوۋۇلى ئىشلىتىلگەن توپ سېتىمىسىدا نۆۋەتتە بار بولغان بارلىق تىپتىكى توپ ئوقلىرىنى ۋە تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى تىپتىكى ئوقلارنى ئاتقىلى بولىدۇ، تېخنىكا سەۋىيسىدىن ئېيتقاندا بۇ توپنى ھازىرقى بارلىق تانكا توپلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %25-20 ئىلغار دىيشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەزكۇر توپنىڭ توپ ئېغىزى ئىنىرگىيسى «قاپلان» 2A6 ماركىلىق تانكىغا سەپلەنگەن شىمالى ئاتلانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆلچەملەشكەن 120 مىللىمىتىرلىق تانكا توپىغا سېلىشتۇرغاندا %70 ئىلغار، توپ سىتوۋۇلى 60 سانتىمىتىر قىسقا. تەتقىق قىلىش داۋامىدا لاھىيلىگۈچى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى خادىملار ئامالنىڭ بارىچە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشلەتكەن.
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى 2A82 تىپتىكى تانكا توپى سەپلەنگەندىن كىيىن «ئاماتا» ئاساسى ئۇرۇش تانكىسىنىڭ ئوت كۈچى كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرالايدۇ. ئەگەر رىقابەتچىلىرى بۇ پەرقنى قىسقارتىشنى سىناپ باقماقچى بولسا، روسىيە يەنە ھەيۋىسى تېخىمۇ زور بولغان 152 مىللىمىتىرلىق توپ ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا بۆسۈپ ئۆتۈش ھەقىقەتەن قىيىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved