خەلىق تورىنىڭ 5-ئاينىڭ18-كۈندىكى ئۇچۇرى، ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ ئاشكارلىشچە، ‹‹ئەرەب باھارى›› نۇرغۇنلىغان ئەرەب دۆلەتلىرنىڭ داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنى ‹‹مۇساد››پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۆز ھەركىتنى قانات يايدۇرماقچى بۇلۇپ، ئەرەبلەردىن ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىغان ئادەم ئىزدىگەن.
ئىسرائىلىيە‹‹كەچلىك گېزىتى››نىڭ بۈگۈنكى خەۋرىدە ئېيتىلشىچە، ‹‹ئەرەب باھارى›› پارتىلغاندىن كىيىن پۈتۈن ئەرەب دۇنياسى ۋەزىيتى داۋالغۇشقا ئۇچراپ، بۇ ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنى ‹‹مۇساد››قا ياخشى پۇرسەت يارتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بىكەتلىردە بۇلۇپمۇ ‹‹فېسبوك››تور بىكتىدە نۇرغۇنلىغان ئەرەب دۆلەتلىرىدىن جاسوس ۋە ۋاكالەتچى خادىم ئىزدىگەن. خەۋەر قىلنىشچە ، مۇسادنىڭ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ھەركەتلىرى مەخپىي ھالەتتىن ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارلىققا يۈزلەنگەن بۇلۇپ، خادىم چاقىرىش ئېلانلىرىنى ژۇرناللارغا باسقۇزغان. مۇساد يەنە ‹‹فېسبوك›› ئابونىت نۇمۇرغىمۇ سىڭىپ كىرىپ، ئىشلەتكۈچلەرنىڭ تەپسىلىي ماتىريالى، مەسىلەن يېشى ، تۇرۇش ئادرىسى،ئىشىلتىدىغان تىلى ،خىزمەت ئورنى ۋە شەخسى قىزقىشى قاتارلىقلارنى بىلۋالغان.
‹‹كەچلىك گېزىتى›› نىڭ يەنە دىيشىچە، مۇساد بۇ خەت-چەكنى ئاشۇ ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتنى ئۆزگەرتىشنى خالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تارقاتقان بۇلۇپ:‹‹ئۆز تۇرمۇشڭىزغا ئۆزىڭىز تەرپىدىن قارار چىقرىلدۇ ، بىراق بۇ يەنە بەزى سىناقلارغىمۇ دۇچار قىلىدۇ ››دەپ ئارقىدىن يەنە تەكىتلەپ:‹‹سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنۋاتامسىز ؟ئەگەر شۇنداق بولسا ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئارخىپىڭز ۋە مۇساد ئىچىدە قانداق خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلقىڭىزنى بىزگە ئېيتىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ.›› دىگەن.
‹‹كەچلىك گېزىتى››نىڭ بىلدۈرۈشچە، ئەڭ ئاخىردا مۇساد ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە نەچچە خىل ئالاھىدە خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە كەسىپنى تەمىنلىگەن بۇلۇپ، بۇ ھەمدە مۇنداق يېزىپ قالدۇرغان:‹‹ئەگەر سىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى جاسارىتىڭىز ۋە ئەقلىڭىز بولسىلا سىز مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تامامەن ئورۇندىيالايسىز، ئەگەر سىز تەۋەككۈل قىلىشنى خالىسىڭز ، ئۇنداقتا سىز دەل بىز ئىزدەۋاتقان ئاشۇ خىلدىكى ئالاھىدە كىشى شۇ. مۇسادنىڭ چوڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن داغدام ئوچۇق.››
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved