ياپونىيەنىڭ «ئالاھىدە مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى»نى ماقۇللىغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئامما 6-دېكابىر ئېتىراز يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا زىيان سالىدىغان بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى توكيودا 1600 چە ئادەم ئېتىراز پائالىيىتىگە قاتناشقان. يىغىلغۇچىلار «ئالاھىدە مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، كوچىلاردا نامايىش قىلغان. ناگويا، خىروشىما، فۇكۇئوكا قاتارلىق جايلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ شۇ كۈنى ئارقا-ئارقىدىن كوچىلارغا چىقىپ، «ئالاھىدە مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى»غا ئېتىراز بىلدۈرگەن.
بۇلتۇر 6-دېكابىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، پارلامېنتتا «ئالاھىدە مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى»نى مەجبۇرىي ماقۇللىغان، بۇ قانۇن بۇ يىل 10-دېكابىردىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. «ئالاھىدە مەخپىيەتلىكنى قوغداش قانۇنى»دا، كابېنتنىڭ ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتتىكى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىك تۈرلىرىنى باشقۇرۇشى كۈچەيتىلىپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان مەمۇرلارنى جازالاش چىڭىتىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved