قۇمۇل شەھىرىدە يەنە ئون كارخانا كۆلەملەشكەن كارخانا ئۆلچىمىگە يەتتى
ئابلىمىت ئابلىز خەۋەر قىلىدۇ:
قۇمۇل شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل 6 – ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شامال ئېلېكتىر كارخانىسى ‹‹لۇڭيۈەن›› قۇمۇل يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى كۆلەملەشكەن كارخانىلار قاتارىغا كىرگەن، بۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە قۇمۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىرىنچى قارارلىق شامال رايونىدىكى 2 مىليون كىلوۋاتلىق ئون تۈر كۆلەملەشكەن كارخانا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
‹‹لۇڭيۈەن›› قۇمۇل يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بۇ يىل مارتتا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە 73 مىليون 940 مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، 39 مىليون 510 مىڭ يۈەن قوشۇلما قىممەت ياراتقان. كارخانا لايىھەلىگەن گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 201 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 3000 كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن 67 نى ئورنىتىپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارىنى 440 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈش، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 200 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش پىلانلانغان. ‹‹لۇڭيۈەن›› قۇمۇل يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئون كارخانىنىڭ كۆلەملەشكەن كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى بىلەن، قۇمۇل شەھىرىدە كۆلەملەشكەن كارخانا 81گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 27 سى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved