سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھىندىستان زۇڭلىسى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئىچكى كابىنېت ئىچىدىكى 21 نەپەر مىنىستىر ۋە مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارىنى ئالماشتۇرۇپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قايتا تەشكىللىدى .بۇ ئىشتىن كېيىنلا مۇخبىرلار بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنىڭ ئارقىسىدىكى بىر قىسىم ھەيران قالارلىق ئىشلارنى خەۋەر قىلدى .يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن 21 نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئىچىدە 7 نەپىرىنىڭ باشقىلارغا تەھدىت سېلىش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ، قورقۇتۇپ ۋە ئالداپ مال -مۈلۈكنى ئېلىۋېلىش قاتارلىق بىر قىسىم جىنايەتلىرى بار ئىكەن ،مودى ھۆكۈمىتىدىكى 66 نەپەر رەسمىي مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئۈچتىنن بىر قىسمى ھازىر جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرلىۋېتىپتۇ .
مودى ھۆكۈمىتىنىڭ 21 نەپەر ئەمەلدارى ئىچىدىكى 7 نەپىرى ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە قەدىمىي پايتەخت ئاگگېرانىڭ كېڭەش ئەزاسى رام شانكار كاتېرلىيا تېخى يېقىندىلا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا سايلانغان بۇلۇپ ،ھازىر ئۇنىڭ 20 نەچچە تۈرلۈك جىنايىتى ئاشكارىلانغان ، بۇ جىنايەت ئىچىدە قەستەن دىننى بۇرمىلاش جىنايىتىمۇ بار ئىكەن ،رام شانكار ئىزچىل نۇرغۇن ئەل ئىچىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا دوكلات قىلمىغان
يېڭىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان خىمىيە بۇيۇملىرى ۋە خىمىيۋى ئۇغۇت ئىشلەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ، مىنىستىرى خانسىراج ھاشىرمۇ 20 نەچچە تۈرلۈك جىنايەت نامى بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇلۇپ ، ئۇرۇش قوزغاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ، قورقۇتۇش ،ۋەھىمە سېلىش جىنايىتىمۇ بار ئىكەن ئىلگىرى پارلامىنېت يىغىنىنىڭ بىر كېڭەش ئەزاسى بۇلۇپ بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق نېفىت كۆمۈر يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان .
مودى ئىچكى كابىنتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ جىنايى ئىشلار دىلوسىغا چېتىلىپ قالغان ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇش مىنىستىرى ئۇما بارتى 13 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ،قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى نىيان جادكار 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ،ئۇنىڭ جىنايىتىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلىش ، تەھدىت سېلىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ،مودىنىڭ ئوڭ سول قانىتى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ھىندىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئامىتاب شائامۇ يېقىندا قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىندىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved