قۇمۇل شەھىرىدىكى مەلۇم تورخانىدا بۇ يىل 20-ئۆكتەبىر سائەت 10 لاردا بىر دانە «ئالما» ماركىلىق يانفون ئوغرىلاندى.
قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار تورخانىدىكى كۆزەتكۈ ئارقىلىق ئوغرىنى بېكىتىپ، 22-ئۆكتەبىر كەچتە جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ فامىللىكنى مەلۇم تورخانىدا قولغا چۈشۈردى. ساقچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سوراق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇ يىل مايدىن باشلاپ تورخانا، دۇكانلاردىن 10 قېتىمدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى پۇل مالنى ئوغۇرلىغانلىقىنى ئېنىقلىدى ھەمدە ئوغرىلانغان ئالتە يانفوننى يىغىۋالدى. ئۇ يېقىندا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved