ئامېرىكا قىتئەسى ئاگېنتلىقىنىڭ 3 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3 – ئىيۇن ئارگېنتىنا دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان مەخسۇس ئايروپىلانى پايتەخت بوئېنوس ئايرىسنىڭ ئېزېزا ئايرودۇرۇمىدا كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ ئايروپىلاننى ئارگېنتىنادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئارگېنتىنا ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئايروپىلان تىپى 128 ئادەم سىغىدىغان بويىن 737-700 ئىكەن.
بۇ مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ بىر تەرىپىگە دۆلەت كوماندىسىدىكى مېسسى، ئاگۇئېرو ۋە خىگۇائىندىن ئىبارەت ئۈچ نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، بۈ ئۈچىنىڭ سۈرىتىنىڭ يېنىغا ‹‹ئارگېنتىنا، غەيرەت قىل!›› دېگەن شۇئار يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئايروپىلانغا ئارگېنتىنا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى ‹‹AFA›› يېزىلغان ھەمدە ئىككى ئالتۇن رەڭلىك بەش يۇليۇز سىزىلغان، بۇ بەش يۇلتۇزلار ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك، يەنى 1978 – يىلى ۋە 1986 – يىلىدىكى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved