ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قايتا ئوبراز تىكلىشى

يېڭى كۈچنى جۇغلاپ، كارخانا ئوبرازىنى قايتا تىكلەش
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن

 


ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى 1924 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇچۇش لىنىيەسى يەر شارىدىكى 75 دۆلەتنى قاپلىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ شىركەت ھەر يىلى 36 مىليون خېرىدارنى كۈتۈۋالىدۇ. شىركەت مەسئۇللىرى بىر قېتىملىق خېرىدارلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، خېرىدارلارنىڭ ‹‹ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ تەكەببۇر، كىشىنى كۆزگە ئىلمايدىغان سۆز – ھەرىكەتلىرى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىق، مېھماندوست ئوبرازىغا تەسىر كۆرسەتتى›› دېگەندەك ئىنكاسىنى ئاڭلايدۇ.


تىجارىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرگەن، %60 خېرىدارى چەت ئەللىكلەرنى ئاساس قىلغان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹تەكەببۇر››، ‹‹مەنمەنچى›› دېگەن ئاتاقنى ئېلىشى، شىركەتنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا قىلچە ماس كەلمەيتتى. شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسىغا جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، شىركەتنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەش قارارىغا كېلىدۇ.


بۇ قېتىمقى ئوبرازنى قايتا تىكلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كىبىر كۆرسىتىپ تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، يولۇچىلارغا كۆڭۈللۈك يېڭى ئەنگلىيە ئوبرازىنى نامايان قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. شىركەتنىڭ يەرشارىلىشىش ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيەسى ئىللىق رەڭدە، غۇۋا لايىھەلەش ئىدىيەسىنى قوللىنىدۇ. ئۇلار شىركەتنىڭ 308 ئايروپىلانىغا 50 تىن ئارتۇق ‹‹دۇنياۋى ئوبراز››نى سىزىدۇ، بۇ سىزمىلار ئافرىقا قۇملۇقىدىكى خەلقلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ياكى گوللاندىيە دېلفىت ساپال بۇيۇملىرىنى ماتېرىيال مەنبەسى قىلغان. شىركەتنىڭ كونا بەلگىسى ‹‹ئۇچار قانات ئىسترېلكىسى›› يۇمىلاق گىرۋەكلىك ئوبرازغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

بۇرۇنقى ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان B بىلەن A (بۇ ئىككى ھەرپ دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن تەمەننالىق، دەپ چۈشىنىلەتتى) ھەرىپى ئېلىۋېتىلىدۇ، ھەرپنىڭ سىزىقچە كۆرۈنۈشىمۇ سىلىق، يېقىشلىق لايىھەلىنىدۇ. شىركەت يەنە يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەيدۇ. ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قايتا ئوبراز تىكلەش قۇرۇلۇشىغا ئۈچ يىل ۋاقىت، 60 مىليون فوندستېرلىڭ مەبلەغ سەرپ قىلىنىدۇ. زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تىجارەت مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشىدۇ.

 


ئەقلىي يەكۈن:

 


كارخانىلار بىرىنچىدىن، كىرىزىسقا دۇچ كېلىپ، نام – ئاتىقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا؛ ئىككىنچىدىن، ئەسلىدىكى كارخانا ئوبرازى كۆرۈنەرلىك بولماي، كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىغاندا، كارخانا ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. كارخانا ئوبرازىنى قايتا تىكلەشتە مۇھىمى، ئېنىق نىشان بولۇشى؛ نىشان بېكىتىلگەندىن كېيىن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 

 



خەتكۈچلەر:
07-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek