ئەگەر سىز بۈگۈن دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئالما دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن بولسىڭىز ئالما شىركىتىنىڭ LOGO سىنىڭ قىزىلغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ كۆزىڭىز تورلىشىپ قالغىنى يوق، بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى، بۇ كۈندە ئالما شىركىتى بىر قىسىم ئالما پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىكى ئالمىنىڭ LOGO سىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلىگەن، شۇنداقلا ئالما شىركىتىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا ئاللىقاچان 5 يىل بولغان كۈن. ئەمەلىيەتتە ئالمىنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللىشى پەقەت LOGO سىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق، كۆپچىلىك Apple Watch نىڭ قىزىل رەڭلىك سائەت بېغى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى شۇنداقلا قىزىل رەڭلىك iPod Touch نى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى بىلسە كېرەك.
بۇ بىر ئاددى ھالدىكى ئاق رەڭنى قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتىپ قويۇشلا ئەمەس، ئابونتلار ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا بىر قىسىم كىرىم بىۋاستە ھالدا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغان دۇنيا فوندىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل product red ئورگىنىغا پۇل ئىئانە قىلىش ئۇسۇلىنى يەنە كۆپلىگەن ئابونتلار ئالاھىدە ساقلىۋالغان. ئەلۋەتتە ئالما شىركىتى LOGO نىڭ قىزىلغا ئۆزگىرىمۇ پەقەت بىر كۈنلۈك پائالىيەت ئۈچۈندۇر، ئەتىدىن باشلاپ نورمال ھالەتكە قايتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved