يېقىندا تويوتا شىمالىي ئامېرىكا بازىرىدىكى Scion ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ 13 -يىل تىجارەت قىلغان Scion نىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەۋەب سېتىش مىقدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇ ماركىنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپتە «ياشلار ياقتۇرىدىغان ماشىنا تىپى يارىتىش» شۇئارى بار ئىدى، بىراق سىتاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا Scion ماشىنا تىپىنى سېتىۋالغان ئىستىمالچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 49 ياش، كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى شىمالى ئامېرىكىدىكى ياش ئىستىمالچىلار بازىرى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە تارايغان، بۇ سېتىش مىقدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. Scion نىڭ ئالدىنقى يىللىق سېتىش مىقدارى 56167 يۈرۈش بولۇپ، 2006-يىللىق سېتىش مىقدارى يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدىكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىغا باراۋەر (2006-يىللىق سېتىش مىقدارى 175 مىڭ يۈرۈش).
Scion ماركىسى 2002-يىلى قۇرۇلغان، تويوتا شىمالىي ئامېرىكا بازىرى ئۈچۈن مەخسۇس ياسىغان يېڭى ماركا ھەمدە شىمالى ئامېرىكىدىكى ياش ئىستىمالچىلارنى ئاساس قىلغان. نۆۋەتتە Scion نىڭ شىمالىي ئامېرىكا بازىرىدا بەش چوڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى بار، ئايرىم-ئايرىم FR-S، tC،xB، iM ۋە iA. بۇ ماركا باشقا دۆلەتكە كىرمىگەن، يەككە بىرلا بازارغا تايانغانلىقتىن Scion نىڭ سېتىش مىقدارى زەربە بەرگەن ۋاقىتتا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved