پۇل تېجەش پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىردىن بىر ئۇسۇل بولمىسىمۇ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەممان پۇل تېجەشتىكى خاتا قاراش سەۋەبلىك پۇل تېجەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا نۆۋەتتىكى تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يەنە بەلگىلىك ئېشىندا پۇلنى كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن جۇغلىيالايمىز؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق، پۇل تېجەش ھەققىدىكى بىر قانچە خىل خاتا قاراشلاردىن ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق كىلىدىغان پۇل تېجەش ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ باقايلى:
بىرىنچى خاتا قاراش: پۇل تېجەش پوزىتسىيىسىدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق قاراش. بىر خىلدىكىلەر، پۇل تېجەشنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ، ئۇلار داۋاملىق: پۇلنى ئادەم تاپىدۇ، خەجلىمەي نېمە قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ناۋادا ئىستېمال سۈرئىتى كىرىم سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتسە، تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسى خەجلىنىپ، ئاخىرىدا بايلىقنى كۆپەيتكىلى بولمايدۇ، مالىيە باشقۇرۇشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. پۇل تېجەشكە قارمۇ-قارشى يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر زىيادە تېجەشلىك بولۇپ، ئۇلار تېجەشلىكنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ھەتتە يىيىشكە، كىيىشكە، ئويناشقا قەتئىي چىدىمايدۇ. مالىيە باشقۇرۇشنىڭ تۈپ مەنىسى ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بايلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. ناۋادا ئىستېمالنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، ئۇنى ئامانەت قويۇشقا ئىشلەتسەك، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيمىز.
ئىككىنچى خىل خاتا قاراش: پۇل تېجەش ئۈچۈن پۇل خەجلەش. شىياۋۋاڭ يېقىندا ئىناۋەت كارتىسى مەركىزى يولغا قويغان جەملىگەن نومۇرغا سوۋغات ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى مەركىزى بەلگىلىگەن پائالىيەت ئۇسۇلىدا، بۇ ئايلىق ئىستېمال ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2مىڭ يۈەن كۆپ بولسا، نەپىس كارىۋات ياپقۇچلىرىغا ئېرىشەلەيدىكەن. شاۋۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىغا ئۇ ناھايىتى ئېھتىياجلىق ئىكەن. بۇ ئايدا ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا 2 مىڭ يۈەن كۆپ ئىستېمال قىلسىلا، ھەقسىز كارىۋات ياپقۇچلىرىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
بۇنداق ھېسابلاش قارىماققا ئىنتايىن مۇۋاپىقتەك تۇرسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي چىقىم بۇ خىل پائالىيەت ئارقىلىق كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا، تېجەشلىك ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىستېمالنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ياخشى ئويلىشىش لازىم.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئاز پۇلنى تېجەپ، كۆپ پۇلنى قالايمىقان خەجلەش. كىچىك ئىشلاردا زىغىرلاپ، چوڭ ئىشلاردا بىخۇتلىشىش. بۇمۇ پۇل تېجەيدىغانلار ساقلىنىشقا تېگىشىلىك خاتا قاراش. نۇرغۇن كىشىلەر "ئاز پۇل"نى ئىشلەتكەندە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولىدۇ، مەسىلەن، ئەرزان باھالىق مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، كۆپ ئويلىنىپ، باشقا دۇكانلاردىكى باھاسىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئەمما كۆپ سېلىنما كېتىدىغان چىقىملارغا نىسبەتەن ئۇنچىلىك ئەستايىدىل بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مەبلەغ سالغۇچىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پايچېكىگە مەبلەغ سالغاندا، خەقتىن ئاڭلىغان ھېچقانداق ئاساسىي يوق ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ، نەچچە ئونمىڭ ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن پۇلىنى ئۆزى خالىغان بىر تۈرگە مەبلەغ قىلىپ سالىدۇ.
ئاز پۇلنى تېجەپ كۆپ پۇلنى خالىغانچە خەجلەشنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى، ئامانەت قىممەت كارتىسىدىن ئىبارەت. قارىماققا، ئامانەت قىممەت كارتىسى ئارقىلىق ئىتىبار باھاغا ئېرىشكىلى بولغىنىدەك تۇرسىمۇ، ئەمما قىممەت باھالىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش كارتىسى، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش كارتىسى، چاچ ياساش كارتىسى، دەرس ئاڭلاش كارتىسى بارلاردىن بۇ كارتىلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتا ناھايىتى قىزىغانلىقىنى، كېيىنچە بېرىش قېتىم سانىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بارمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پۇل تېجەش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىر يۈەننىڭ ئىككى يۈەنلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ھەتتا ئۈچ يۈەنلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئەمما يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تېجەش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغاندا، پۇل تېجەش رولى بولمىغاندىن سىرت، يەنە بىكاردىن بىكار پۇل ئىسراپ قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇ تېجەشمۇ ياكى ئىسراپچىلىقمۇ؟ مېنىڭچە رادىيو ئالدىدىكى ئەقىللىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، بۇ سوئالغا ئاللىقاچان كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپ تېپىپ بولدىغۇ-دەيمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved