«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا رۇسىيە تۈرمە سېستىمىسى يېقىندا بىر تۈرلۈك پەرماننى ئېلان قىلغان بولۇپ، پەرماندا رۇسىيە تۈرمىلىرىدە بۇنىڭدىن كېيىن مەھبۇسلارنىڭ ئادەم تىللىشىنىڭ قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
رۇسىيە تۈرمىلىرىدە مەھبۇسلارنىڭ تەھتىد سېلىش، ھاقارەتلەش ۋە تۆھمەت قىلىش خاراكتىردىكى قوپال سۆزلەرنى قىلىش قەتئىي چەكلەنگەن. نۆۋەتتە ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى قانداق يولغا قويدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن. بۇ بەلگىلىمە زور تىرىشچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەدبىر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رۇسىيە تۈرمىلىرى تەلتۆكۈس ئىسلاھات قىلىنىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدىكەن. بۇ پەرماندا يەنە سوتلىنىشنى كۈتۈپ تۈرغان جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدە خۇسۇسىي بويۇملارنى ئىشلىتىشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، چۆگۈن، يانفۇن، ھەتتا فوتو ئاپراتنىمۇ ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved