خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، گېرمانىيە گېسسىن ئىشتاتىدىكى 4-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا كېتىۋاتقان بىر پىكاپ تۇيۇقسىز تېيىلىپ ئوڭ تەرەپتە كېتىۋاتقان ساياھەت ئاپتوبۇسىغا سوقۇلغان ، بۇنىڭ بىلەن ساياھەت ئاپتوبۇسى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ يولدىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، ئاز دېگەندىمۇ تۆت ئادەم قازا قىلغان ، 40 تىن كۆپ ئادەم يارىلانغان .
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ياشانغان ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بولۇپ، كونكېرت سانى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي قانات يايدۇرۇلۇپ، يارىلانغانلار دەرھال دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈلگەن .
يېقىندىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، يول تېيىلغاق بولغانلىقتىن قاتناش ھادىسىلىرى كۆپىيىپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved