ھامىلىدارلارنىڭ گورمون سەۋىيىسى بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان بولغاچقا، چىش مىلىكى ياللۇغلىنىدۇ ياكى ئىششىيدۇ، ئېغىر بولغاندا چىش ئەتراپى ياللۇغلىنىدۇ، قاندىكى قەنت كۆپىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىق دىئابىت كېسىلى بار ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم، بولمىسا بالدۇر تۇغۇپ قويىدۇ ياكى ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلار چوقۇم ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، چىش مىلىكى ياكى چىش ئەتراپى ياللۇغلانسا، ئېغىز بوشلۇقى ياكى تىلىدا ئاقلىق پەيدا بولسا، دەرھال داۋالانمىسا بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلاردا شۆلگەي ئازلاپ كېتىدىغان بولغاچقا، دائىم ئېغىزى قۇرۇيدۇ، بۇ ۋاقىتتا سۇ ئىچىپ بەرسىمۇ ياكى شېكەرسىز، شېكەر مىقدارى ئاز يېمەكلىكلەرنى يەپ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ بولىدۇ؛ ئەگەردە جاۋىغاي ياكى بەدەندە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانمىسا، قاپارتما ساقايتماق قىيىن جاراھەتكە تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved