ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ھاسىلاتى ئاز بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 14-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېمپىسى رىياسەتچىلىك قىلغان، باشقا 21 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتناشقان ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى خەلقئارا ھەربىي ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.


كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانى بەلگىلىك دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بەك كۆپ كونكرېت نەتىجە ھاسىل قىلىنمىدى، كەلگۈسىدە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش يەنىلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.


ئوباما يىغىنىدىن كېيىن نۆۋەتتە ھاۋا ھۇجۇمىدىكى ئىلگىرىلەش ئاساسلىقى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنىڭ ئېربىلغا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇش، موسۇل توسمىسىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى بىر قىسىم ھەربىي نىشانلىرى ۋە خادىملىرىنى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېدى.


لېكىن ئوبامانىڭ بۇ نەتىجە تىزىملىكى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىنى قوللىشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋەدە بېرىشىگە ئىلھام بېرەلمىدى. يىغىندىن بۇرۇنقى خەۋەردە، تۈركىيە ئۆزىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئېچىۋېتىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ياردەملىشىشكە قوشۇلدى دېيىلدى، لېكىن ئارقىدىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە بۇنى ئىنكار قىلدى.


ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا جەمئىي ئىككى مىڭ قېتىمچە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭدىكى ئوق-دورا چىقىمىلا يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى. ھاۋا ھۇجۇمى دەرۋەقە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن قورال-جابدۇقلىرىنى ۋەيران قىلدى، لېكىن ھاۋا ھۇجۇمىدا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى، مالىيە كۈچىمۇ خورىدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىدە بىر ئاز ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ئەھۋال كېلىپ چىقتى.


بەھرەين، ئىيوردانىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، بىراق سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئەرەب ئەللىرى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتنىشىش دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولمىغان.


گەرچە ئامېرىكا غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۆزلۈكسىز مۇراجىئەت قىلغان ھەم ئۆزىمۇ ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن 14-ئۆكتەبىردىكى يىغىندا بۇ جەھەتتە ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىنمىغان، بۇمۇ ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ماسلاشتۇرغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

 

ئوباما 60 قا يېقىن دۆلەت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش بىرلەشمە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا قوشۇلدى، بۇلار مىسىر، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېدى.


بىراق تەھلىلچىلەر بۇ كۆپ دۆلەت ئىتتىپاقىنى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەش جەھەتتە بىردەك ماسلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بۇنىڭدا ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىشىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، كىم ھاۋا ھۇجۇمى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ھاۋا ھۇجۇمى نىشانلىرى قانداق تاللىنىدۇ، كىم قورال بىلەن، كىم ئاخبارات بىلەن، كىم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ دېگەن مەسىلىلەر يەنىلا كېڭىشىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىقلىرى ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرد قوراللىقلىرى بىلەن بولغان تۇتۇشۇشتا تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ھۇجۇم ئىقتىدارى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە دەپ قارىدى.


ئامېرىكا ئەينى يىلى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان چاغدىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئوباما ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا سۆرىلىپ كىرىشىنى خالىمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، بەلكى ھاۋا ھۇجۇمىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.


ھالبۇكى، ھاۋا ھۇجۇمىغا تايىنىپلا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. تەھلىلچىلەر بومباردىماننىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسلىق-ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل بولۇپ قالدى دەپ ھېسابلىدى.
نۆۋەتتە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئەسەبىي قوراللىقلىرى ئىراقنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلەپ تۇرماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم نوپۇسى كۆپ شەھەرلەر بار. ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قوراللىقلىرى كوچا-مەھەللىلەرگە كىرىپ يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا قاتارلىقلار ئەگەر قالايمىقان دەھشەتلىك بومباردىمان قىلسا، بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ئەجەللىك زەربە بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمۇ تەسكە توختايدۇ.


خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، ئىراقتىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئازايماستىن بەلكى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كەتكەن. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوشۇنىنى تولۇقلىغاندىن سىرت، يەنە پۇل، مال-مۈلۈك بۇلاش، بايلىق سېتىش، سىرتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلۈك جۇغلىغان. بۇ تەشكىلات يەنە چەتئەللەردىن سېتىۋېلىش ياكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن تارتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نۇرغۇن قورال-جابدۇققا ئىگە بولۇپ، كۈچىنى تېخىمۇ زورايتقان.


ئادىمى، پۇىل، قورالى بار بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئالدىدا، دېمپىسى ۋەكىللىكىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتقا تاقابىل تۇرۇشتا، كۈچلۈك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بولمىسا، ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ياسىغىلى بولمايدۇ دەپ قارىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ئىچىدىكى ھەر قانداق بىرى بولسۇن، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىپ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇتۇشۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس.


كۈچى ئۆزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن دەيدىكەن، ئامېرىكا قاتارلىقلار ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
17-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek