28-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى رەسمىي تۈردە سىرتقا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، شىركەت ئامېرىكا ۋاقتى 9-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 10:00 (بېيجىڭ ۋاقتى 10-سېنتەبىر سەھەر سائەت 1:00) دا ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودىكى بىل گىراخام شەھىرىنىڭ مەمۇرىيەت زالىدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، ئىلگىرىكى تەرتىپ بويىچە بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone تونۇشتۇرۇلىدىكەن.
يانفوندىن باشقا، يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد Apple TV رەقەملىك ۋىدىيو ئالماشتۇرۇش قۇتىسى ھەمدە 12 سۇڭلۇق iPad Pro ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئالما شىركىتى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئايرىم ئېلان قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved