ئىراق ئارمىيسى تىكرىتنى قورشاۋ ئاستىغا ئالدى

جاھان ئاگېنتلىقى 23-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇبەيدى، ئىراق ئارمىيسىنىڭ تىكرىت رايۇنىنى تامامەن قورشاۋغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ «مۇۋاپىق پەيت كەلگەندە تىكرىتكە تېز بىر شەكىلدە ھۇجۇم قىلىمىز» دېدى.
ئۇبەيدى، شىئە قۇراللىقلارنىڭ ياردىمىدىكى ئىران ئارمىيسىنىڭ ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ كونتروللىقىدىكى تىكرىت رايۇنىنى «تامامەن قورشاۋ» ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى،ئۇ باياناتىدا، پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن پىلان تۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ، «تىكرىتتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان قىسىملار مۇۋاپىق پەيت كەلگەندە، ئىمكانىيەت بولغاندا رايۇن مەركىزىگە تېز شەكلدە ھۇجۇم قىلىمىز، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى دائىرلىرىنىڭ قورشاۋ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەسلىكىنى» بىلدۈردى.
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر قانچە سۈننىيلەر رايۇنى قاتارىدا تىكرىتمۇ 2014-يىلى ئىيۇندا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. سابىق ئىراق رەھبىرى سادام ھۈسەيىننىڭ يۇرتى بولغان تىكرىتنى ئەسەبىي تەشكىلاتتىن قايتۇرۋېلىش ئ‍ۈچۈن ئارمىيە ۋە ئارمىيەنى قوللاپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان 20 مىىڭ شىئە قۇراللىق بۇ ئاي بېشىدىن باشلاپ ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.
بۇ ئارلىقتا ئىراقتىكى ئەڭ كۈچلۈك شىئە قۇراللىق گۇرۇپپىلاردىن بەدىر ئەترىتىنىڭ قۇماندانى، ئىراق ئارمىيسى بىرلەشمە ئىتتىپاقتىن ھاۋا ياردىمى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئارمىىيەنى ئەيبلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ، ئىراق ئارمىيىسى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تىكرىت ھەرىكىتىگە ھاۋا ياردىمى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. تىكرىت ھەرىكىتىدە ئىراق ئارمىيسى ۋە شىئە قۇراللىقلارغا ئىران ھۆكۈمىتى ياردەم بېرىۋاتىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى John Brennan ، ئىراننىڭ ئىراقتا ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن بولغان كۈرەشتىكى رولىنى ئەيىبلىدى. Brennan« كۆپ ھۇجۇم قىلغۇچى دېيىلىۋاتقان ئىرانلىق قۇماندان قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن بولغان كۈرەشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى» ئېيتتى.
شىئە قۇراللىقلار ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىراقلىق سۈننىيلەرگە ھۇجۇم قىلىش، ئوققا تۇتۇش، قاتتىق قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى سەۋەبلىك ئەيبلەنمەكتە.



24-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek