جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلدى

تۈنۈگۈن جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىردى.


جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 8-ۋە 9-يانۋار بيېجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يېڭى سەھنە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى پۇرسەت ــ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش ــ يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى قىلىندى.


ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ « جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسۋىىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.


لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ كاندىدات نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئېكۋاتورنىڭ زۇڭتۇڭى كورىئاسۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقى ئادىل ھەققانىي خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىش، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


بۇ قېتىمقى يىغىندا ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە رايون تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىككى تەرەپلىك ئورتاق ھەمكارلىق ۋە جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە « جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭ خىتاپنامىسى»،«جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرىنىڭ 2015-يىلدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىلانى»،« جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى مېخانىزمى تەسىس قىلىش ۋە ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش»دىن ئىبارەت ئۈچ نەتىجە ھۆججىتى ماقۇللىنىدۇ.


جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېركىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمى دۇنيادىكى قۇرۇقلۇق ئومۇمى كۆلىمىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 8دىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىسى تېز تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى ۋە ئۈچىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبىيىىگە ئايلاندى، 2013-يلى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا سالغان مەبلىغى 15 مىليارد 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادى كومىتېتىنىڭ ھېسابلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر پوئىنت ئاشسا لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ 0.5 پوئىنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ماتورغا ئايلانغان.



خەتكۈچلەر:
10-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek