مەقسەت دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە تەسەللى بېرىش
بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەت خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئامېرىكا بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمراھ دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن سىرتقى تاجاۋۇزچىلىقنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ؛ بۇنىڭغا ئوخشاش تاجاۋۇزچىلىققا ياكى تەھدىتكە ئۇچرىسا، ئامېرىكا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن قوللىنىشقا تېگىشلىك ‹‹مۇۋاپىق›› ھەرىكەتنى جىددىي بېكىتىپ، ھەربىي كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ.
سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئوباما ئايرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى توغرىسىدا بەرگەن ‹‹بۇزۇلماس ۋەدە››سىنى قايتىلاپ، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە باياناتتا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە تەسەللى بېرىشىگە ئاساسلىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەب بولدى.
ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى ئەنئەنىۋى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جامېس فىلىپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: دېڭىز قولتۇقىدىكى چوڭ دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان ئوباما ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق نارازى بولدى. چۈنكى ئامېرىكا ئىرانغا يۇمشاق سىياسەت قوللىنىپ، سۇرىيە مەسىلىسىدە قەتئىي بولالمىدى، يەمەن كىرىزىسىنى ‹‹تولۇق›› ھەل قىلمىدى.
ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشمىكى قىيىن
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتتىن كۇۋەيت بىلەن قاتارنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىلا ‹‹ئامېرىكىنىڭ يۈزىنى قىلىپ›› يىغىنغا كەلگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە ئومان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا قول ئاستىدىكىلەرنى ئەۋەتكەن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ئەھۋال ئامېرىكا بىلەن دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئارازلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە داۋىد لاگېرىدىكى سۆھبەتنىڭ نوپۇزىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرۈشىمۇ قىيىن.
ئامېرىكا دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلمايدۇ، يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرمەيدۇ. يەمەننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئانچە چوڭ مەنپەئەت ئالاقىسى يوق، ئامېرىكا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى خۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشتە شارائىتى ھەممىدىن ياخشى بولسىمۇ، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى ياكى ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئوخشاش ئۇرۇش پاتقىقىغا ئەمدى پېتىپ قېلىشنى خالىمىغاچقا، يەمەنگە بىۋاسىتە ئەسكەر چىقارمايدۇ.
ئىران يادرو مەسىلىسى دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېرۋىسىغا تەگسىمۇ، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىدا ئىختىلاپ بار. ئوباما ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەل قىلالىسا، بۇ مۇھىم سىياسىي ‹‹مىراس›› بولۇپ قالىدۇ.
دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى نىسبىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆكتىچىلەرنى قوللاش ئامېرىكىغا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىشى ناتايىن، شۇڭا ئامېرىكا ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى تەس
ئوباما زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى تىنچلاندۇرۇپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاققا سوزۇلغان ھەم خەلقنى ھالسىرىتىپ نۇرغۇن مال – مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بايلىقلارنى ‹‹ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىشنى ئالدىنقى قاتارغا قويدى.
ۋاھالەنكى، ئىشلار ئوبامانىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. كۆپ يىل داۋالغۇشتا قالغان ئوتتۇرا شەرققە يەنە يېڭىدىن قالايمىقانچىلىق قېتىلدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› سۇرىيە ۋە ئىراقتا شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، يەرلەرنى ئىگىلىۋالدى ۋە دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى بېكىنىپ ياتقان يەمەننىڭ ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ... شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونا مەسىلىلەر داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇ تەشكىللىگەن يېڭى ھۆكۈمەت 14 – ماي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئوڭ قاناتلار ۋە دىنىي پارتىيە – گۇرۇھلار بۇنىڭدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. ئەگەر يېڭى ھۆكۈمەت پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە قاتتىق قول ئوڭچىل مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرسا، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ كەلگۈسىدىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
ئوباما ھۆكۈمىتى ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ توسالغۇسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى تەخىرسىزلىك بىلەن ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ئىمزالىنىشى مۇمكىن بولغان ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ھەرقانداق كېلىشىمنى جەزمەن پارلامېنتنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇشنى بەلگىلىدى.
جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: داۋالغۇش بولۇۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەتتە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ۋە كونا مەسىلىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قانداق قىلىپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادا نېفىتتىن ئىبارەت يادرولۇق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى قوغدىيالىشى خېلى ئۇزاققىچە ‹‹يۈرەك ئاغرىقى›› بولۇپ قالىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېقىندا ئامېرىكىنىڭ داۋىد لاگېرىدا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى، يەمەن كىرىزىسى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىشەنچ يوقالغان، ئامېرىكا يەمەن توقۇنۇشى، ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى كابىنېت تەشكىللىشى قاتارلىق كونا، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئېچىلدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇرەككەپلىكىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرا شەرقتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى قىيىنغا توختايدۇ.
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved