ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، كىلىمات ئۆزگىرىشى تىنچ ئوكياندا شامال تىپىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىكەن. مەسىلەن: ھاۋاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا تەكرار قاتنايدىغان (بېرىپ - كېلىدىغان) ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى سەللا ئۇزارسا، ئۇنداقتا 2090- يىلىغا بارغاندا، ئۇچۇش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىنۇت ئەتراپىدا ئۇزىرايدىكەن، بىراق بەزىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ: «بىر مىنۇت دېگەننىڭ قانچىلىك تەسىرى بولاتتى؟» دېيىشى تۇرغانلا گەپ.
بىراق، بۇ بىر مىنۇتقا ھەرگىز بۇنداق سەل قارىماسلىق لازىم، بۇلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر سان ھاسىل بولىدىكەن. يەنى مۇشۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم بېرىپ كەلدى، دەپ ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى 133 سائەت ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزىرايدىكەن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىممىتى 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى يېقىلغۇ ئارتۇق سەرپ قىلىنىدىكەن، مانا بۇ بىر مىنۇت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت ئىكەن.
ئەگەر يەر شارىدىكى بارلىق ئايروپىلانلارنىڭ بېرىپ - كېلىش ۋاقتىغا بىر مىنۇتتىن قوشۇلسا قانداق بولىدۇ؟ ئۇنداقتا ھەر يىلى 300 مىڭ سائەت ئۇچۇش ۋاقتى قوشۇلۇپ، 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى يېقىلغۇ ئارتۇق سەرپ قىلىنىدىكەن ھەمدە 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق كاربون دىئوكسىد ھاسىل بولىدىكەن.
ئەمما كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، پۈتكۈل يەر شارى دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەر شارىدىكى ھەممە ئايروپىلانلار بارىدىغان جايغا بىر مىنۇت كېچىكىپ بارىدىغان ئىش بولمايدىكەن، چۈنكى كىلىمات ئۆزگىرىشى قىسمەن جايلاردا ئۇچۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتكىنى بىلەن بەزى جايلاردا ئۇچۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدىكەن.
![]() |
«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا بىر كىشى كونتېنتال (Continental)GTئاپتوموبىلىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved